باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى بالدۇر ئۆگىنىشى ياخشى ئىشمۇ؟

ياڭ چۈنشيا

2013.09.11 15:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەتراپىمدىكى ئانىلارنىڭ ‹‹بالىلىرىمىزنى ئىنگلىز تىلى قىزىقىش سىنىپىغا بەرسەك بولامدۇ؟››، ‹‹قايسى ئىنگلىز تىلى كۇرسى ياخشى؟›› دېگەندەك سوئاللىرىغا ئۇچراپلا تۇرىمەن. بۇ سوئاللارنىڭ كۆپىنچىسىگە ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلىنى كېچىكىپ ئۆگىنىپ قېلىشىغا بولغان ئەنسىرەش تۇيغۇسى يوشۇرۇنغانىدى. ھازىربولسا ھەر خىل كۇرسلار ئاتا – ئانىلارنى بۇ ئەندىشىدىن خالاس قىلدى، بۇ كۇرسلار ئۆز تەشۋىقاتىدا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى قانچە بالدۇر باشلىسا شۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىلار ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى قانچە بالدۇر باشلىسا، شۇنچە ياخشىمۇ؟

  تىلشۇناس لوففى ستېۋارت مۇنداق دەيدۇ:‹‹تىل ئۆگىنىش ئىنسانلارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئاساسى تەرىپىدىن قەتئىي چەكلىنىدىغان ئىچكى جەريان. ئىنسانلار ئىككى ياشقا كىرمەي تۇرۇپ تىل ئۆگىنەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ مەزگىلدە چوڭ مېڭە تېخى تولۇق تەرەققىي قىلىپ بولالمايدۇ. ياشلىق مەزگىلىدىن كېيىن ئىنسانلار چوڭ مېڭىسىنىڭ تىل ئىقتىدارىدا كاتالىز پەيدا بولىدۇ، بۇ چاغدا نېرۋا سىستېمىنىڭ ئېلاستىكىلىقى بولمايدۇ، تىل ئۆگىنىش بارغانسېرى قىيىنغا توختايدۇ››.

  تىلشۇناس گۇي شىچۈن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشتە ياش قانچە كىچىك بولسا تەلەپپۇز قىلىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، لېكىن سۆزلۈك، گىرامماتىكا ۋە باشقا جەھەتلەردە يەنىلا چۈشىنىشنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقى، بۇنىڭ ياشنىڭ چوڭىيىشى بىلەن ئوڭ تاناسىپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى لۇ شياۋيۇڭنىڭ ئاسپىرانتلارنىڭ ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى باشلانغۇچ مەكتەپتە باشلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى تولۇقسىز ئوتتۇرىدا باشلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان. قىسقىسى، بىر تىلنى قايسى ياش باسقۇچىدىن باشلاپ ئۆگەنسە ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى نەتىجىلەر ئوخشاش ئەمەس.

  بالىلار ئىنگلىز تىلى تەلەپپۇزى جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزى توغرىمۇ؟ يۇقىرىقى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ھازىرچە تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكىلەر بالىلار پەقەتلا تەلەپپۇزنى توغرىلاش جەھەتتە چوڭلارغا قارىغاندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ، دەپ قارىماقتا. لېكىن، توغرا تەلەپپۇز تىل ئۆگىنىش سۈپىتى ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلەپپۇز سەۋىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بالىلار كىچىكىدىن خاتا تەلەپپۇز قىلسا، كېيىنكى ئۆگىنىش جەريانىدا نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇنى تۈزىتىپ كېتەلەيدۇ، ئىنگلىز تىلىنى بۇنداق ئۆگىنىشكە ئىتنايىن كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  شۇڭا، بالىلار مەيلى ئانا تىل ئۆگىنىش بولسۇن ياكى چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش بولسۇن چوقۇم ئالدىراقسانلىق قىلماسلىقى كېرەك. بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشماي تۇرۇپ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشى ۋە قانداق شەكىلدە ئۆگىنىشىدە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراش كېرەك. ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشىدە ۋاقىتنى ۋە پۇلنى قارىغۇلارچە ئىسراپ قىلماي، تىل ئۆگىنىشنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق ئىگىلەپ ئاندىن قارار چىقىرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر