باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شەخسلەر

پېڭ لىيۈەننىڭ قىسقىچە ئارخىپى

2013.03.25 13:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پېڭ لىيۈەن 1962-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى شەندۇڭدا تۇغۇلغان، 1987-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ھازىرقى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن توي قىلغان، شى مىڭزې ئىسىملىك بىر قىزى بار، ئۇ خاڭجۇ چەت ئەل تىللىرى مەكتىپىدە ئوقۇغان.

  پېڭ لىيۈەن جۇڭگونىڭ داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچىسى، جۇڭگو ھازىرقى زامان مىللىي مۇزىكا-ناخشىلىرىنىڭ ۋەكىلى، جۇڭگودىكى مىللىي ناخشا ساھەسىدىكى تۇنجى دوكتۇر، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ياش مەمۇرىي ۋەزىپىدىكى گېنېرالى، شۇنداقلا ئارمىيە ئىچى-سىرتىدا تاماشىبىنلارنىڭ ئەڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ھەربىي ناخشىچى، 8-، 9-، 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش سىياسىي بۆلۈم ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ 1-تۈركۈمدىكى «دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىسى»، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تارقاتقان 1-تۈركۈمدىكى « ھۆكۈمەت تەمىناتى»دىن بەھرىمەن بولغۇچى شەخس، جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى، جۇڭگو مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى، شاڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى پىروفېسسورى، باش سىياسىي بۆلۈم ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ سەنئەت يېتەكچىسى.

  پېڭ لىيۈەن ھازىر جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش سىياسىي بۆلۈمى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

ئالاقىدار خەۋەرلەر