باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شەخسلەر

لى كېچياڭنىڭ تەرجىمىھالى

2013.03.15 16:17         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يولداش لى كېچياڭ
  لى كېچياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1955–يىل 7 – ئايدا ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ دىڭيۈەن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. 1976–يىلى 5 – ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، 1974–يىلى 3 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، خىزمەتتە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 2012 - يىل 11 - ئاينىڭ 15- كۈنى ، 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، دائىمىي ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 2013-يىلى 15-مارت، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى بولغان.

  ھازىر ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى.

  1974–يىلىدىن 1976–يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فىڭياڭ ناھىيەسى دامياۋ گۇڭشېسىنىڭ دۇڭلىن دادۈيىدە قايتا تەربىيە ئالغان.

  1976–يىلىدىن 1978–يىلىغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فىڭياڭ ناھىيەسى دامياۋ گۇڭشېسىنىڭ دامياۋ دادۈيى پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1978–يىلىدىن 1982–يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان.

  1982–يىلدىن 1983–يىلغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1983–يىلىدىن 1985–يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قوشۇمچە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ كاندىدات شۇجىسى بولغان.

  1985–يىلىدىن 1993––يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى قوشۇمچە مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (بۇمەزگىلدە 1991–يىلى 9 – ئايدىن 11 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان) بولغان.

  1993–يىلىدىن 1998–يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1 – شۇجىسى قوشۇمچە جۇڭگو ياشلار سىياسىي ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى (1988–يىلىدىن 1994–يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ، ئىقتىسادشۇناسلىق ماگېستىرى، دوكتورى ئۇنۋانى ئالغان) بولغان.

  1998–يىلىدىن 1999–يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  1999–يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  2002 – يىلىدىن 2003–يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  2003–يىلىدىن 2004–يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2004–يىلىدىن 2005–يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2005–يىلىدىن 2007–يىلىغىچە لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2007–يىلدىن 2008 - يىلغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  2008 - يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  2012- يىلى 11- ئاينىڭ 14- كۈنى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان.

  2012- يىلى 11- ئاينىڭ 15 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان.

  2013-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى بولغان.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىپارتىيە 15–، 16–، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ ئەزاسى، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ھازىر 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

ئالاقىدار خەۋەرلەر