باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شەخسلەر

يولداش جاڭ دېجياڭنىڭ تەرجىمىھالى

2013.03.15 09:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ دېجياڭ، ئەر، خەنزۇ، 1946-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، لياۋنىڭنىڭ تەيئەندىن، 1968-يىلى 11-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1971-يىلى 1-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسىگە كىرگەن، چاۋشيەن كىم ئېرسىن ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ھازىر جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى.

  1968-يىلىدىن 1970-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىسى ۋاڭچىڭ ناھىيەسى لوزىگۇ كوممۇنىسى تەيپىڭ چوڭ ئەترىتىدە زىيالىي ياش بولغان، 1970-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىسى ۋاڭچىڭ ناھىيەلىك ئىنقىلابىي كومىتېت تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ كادىرى، ئورگان ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان، 1972-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە، يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتى چاۋشيەن تىلى فاكۇلتېتى چاۋشيەن تىلى كەسپىدە ئوقۇغان، 1975-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە، يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتى چاۋشيەن تىلى فاكۇلتېتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، 1978-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە، چاۋشيەن كىم ئېرسىن ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، چەتئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان، 1980-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە، يەنبيەن ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، 1983-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىسى يەنجى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يەنبيەن ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قوشۇمچە يەنجى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان، 1985-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىسى يەنبيەن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان، 1986-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە، مۇئاۋىن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان، 1990-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قوشۇمچە يەنبيەن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان، 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە، جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان، 1998-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان، 2002-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان، 2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغان، 2008-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان، 2012-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان، 2012-يىلدىن 2013-يىلغىچە، مەركزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  2013-يىلىدىن باشلاپ، مەركزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولغان.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى 14-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 15-، 16-، 17-، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 16-، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ھازىر 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر