- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


گۇاڭجوۋ ۋوگزالىدا چاناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 6 ئادەم يارىلاندى، ھازىرچە ھاياتىغا خەۋپ يەتمىدى
2014.05.07 16:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ماي گۇاڭجوۋدىن بەرگەن خەۋىرى: گۇاڭجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ 6-مايدىكى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 6-ماي چۈشتە، گۇاڭجوۋ ۋوگزالىدا چاناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 6 ئادەم يارىلانغان، ھازىرچە ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن. قولىغا پىچاق ئالغان جىنايەت گۇماندارى نەق مەيداندا بويسۇندۇرۇلغان، ئۇنىڭ سالاھىيىتى يەنىمۇ تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن، 6-چېسلا سائەت 11دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، يۆشيۇ رايونلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى گۇاڭجوۋ ۋوگزالىنىڭ غەربىي مەيدانىدا چارلاۋاتقاندا، مەيداندىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ھەر تەرەپكە قاچقانلىقىنى كۆرگەن ھەمدە بىر ئەرنىڭ پىچاق بىلەن باشقىلارنى يارىلاندۇرىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. ساقچى دەرھال قورال تەڭلەپ توسقان، جىنايەت گۇماندارى بۇرۇلۇپلا پىچاقنى كۆتۈرۈپ ساقچىغا قاراپ ئېتىلىپ كەلگەن، ساقچى دەرھال ئىككى پاي ئوق ئېتىپ ئۇنى يېقىتقان ھەمدە بويسۇندۇرغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر