باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىگە زىيارەت

2014.05.06 13:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى ئېچىلغان سەككىز ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرى مەركەزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى قاراش-تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇل-چارىلىرىدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى يەنە بىر تەرەپتىن كۆرسىتىپ بەردى.

  بۇ يىل 2-مايغىچە، بۇ تور بېكىتى تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كادىر ۋە باشقا مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان رەھبىرى كادىرى ھەققىدىكى 32 دېلو ئۇچۇرىنى ئالدى بىلەن ئېلان قىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەرزىيەت ئىشخانىسى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تور بېكىتى ئېچىلغاندىن كېيىن، توردا پاش قىلىش سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن.

  8-ئاپرېل بۇ تور بېكىتى تەسىس قىلغان تۆت ناتوغرا ئىستىلنى تۈزەشتىكى نازارەت، پاش قىلىش مەخسۇس سەھىپىسى 2-مايغىچە داۋاملاشتى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسى 20 مىڭ يېقىن تۈرلۈك پاش قىلىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇنىڭدا تۆت ناتوغرا ئىستىل مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلىدىغان پاش قىلىش ئۇچۇرلىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر