باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئورمان خ خ ئورۇنلىرى 30 يىلدا نۇرغۇن ئورمان دېلوسىنى تەكشۈردى

2014.05.06 13:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل-دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. 1984-يىلى 3-ماي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق، ئەينى چاغدىكى ئورمانچىلىق مىنىستىرلىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى ۋە ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇن قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل قىلغان. 30 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرى ئوخشىمىغان مەزگىل، ئوخشىمىغان جايلاردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، باھار گۈلدۈرمامىسى ھەرىكىتى، يېشىل قالقان يۈرۈشلۈك ھەرىكىتى، بۈركۈت ھەرىكىتى، باھار ھەرىكىتى، شەمشەر ھەرىكىتى قاتارلىق 30 نەچچە مەخسۇس قاتتىق زەربە بېرىپ تۈزەش ھەرىكىتىنى ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇپ، ئورمانلارنى قالايمىقان كېسىش، ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قالايمىقان قېزىش، كولاش، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان تۇتۇش، ئوۋلاش، ئورمان يېرىنى قالايمىقان ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بەردى. بۇ مەزگىلدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرى ئورمان ۋە ياۋايى ھايۋانات بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسىدىن تۆت مىليون 568 مىڭنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنى ئالتە مىليون 673 مىڭ ئادەم قېتىم بىر تەرەپ قىلدى، 14 مىليون 163 مىڭ كۇب مېتىر ئورمان، 72 مىليون 864 تۇياق ياۋايى ھايۋاننى قايتۇرۇۋالدى، دېلوغا چېتىشلىق پۇل 67 مىليارد 270 مىليون يۈەنگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر