باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئون شەھۋانىي ئۇچۇر تارقىتىش دېلوسى تەكشۈرۈلدى

2014.05.06 13:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش، قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش ئىشخانىسى 5-ماي توردىكى شەھۋانىي، سېرىق ئۇچۇرلارغا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىدىكى 3-تۈركۈمدىكى دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى.

  مەملىكەتلىك سېرىق مەرەزلەرنى تازىلاش، قانۇنسىز نەشىر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان دېلولار-نۆۋەتتە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان توردىكى شەھۋانىي، سېرىق ئۇچۇرلارغا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىدىكى يەنە بىر تۈركۈم نەتىجە. بۇنىڭ ئىچىدە، جېجياڭنىڭ جۇشەندە پاش قىلىنغان «زاڭشۇبا» تور بېكىتىنىڭ شەھۋانىي، سېرىق ئۇچۇر تارقىتىش دېلوسى، جياڭشىنىڭ گەنجۇدا پاش قىلىنغان «ھېكايە ئوقۇش تورى»نىڭ شەھۋانىي، سېرىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىش دېلوسى قاتارلىق يەتتە دېلو جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، ئالاقىدار جىنايەت گۇماندارلىرى قولغا ئېلىندى، دېلو يەنىمۇ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. بېيجىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان «خوڭيۈ تيەنشياڭ» تور بېكىتىنىڭ شەھۋانىي، سېرىق مەزمۇندىكى نەشىر بۇيۇملىرىنى چىقىرىش دېلوسى قاتارلىق ئۈچ دېلوغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلدى.

  بۇ مەسئۇل كىشى يەنە مۇنداق دېدى: توردىكى شەھۋانىي، سېرىق ئۇچۇرلارغا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغان يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىنتېر تورى كارخانىلىرى بۇنىڭغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئەستايىدىل ئۆزىنى تەكشۈرۈپ ۋە تۈزىتىپ، تور ئەھلى پاش قىلىش يولى ئېچىپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدى ھەم شەھۋانىي، سېرىق ئۇچۇرلارنى تېز بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تور مۇھىتىنى ئۆزلۈكسىز ساپلاشتۇرۇپ، ئامما ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى، بۇ ئەھۋال ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر