- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
نورۋېگىيەنىڭ باش ۋەزىرى: نورۋېگىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىمىز
2019.02.14 17:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
نورۋېگىيەنىڭ باش ۋەزىرى سولبېرگ 2-ئاينىڭ 11-كۈنى نورۋېگىيە بىلەن جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا نۇرغۇن ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولۇپ، نورۋېگىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ، دېدى.
سولبېرگ شۇ كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان جۇڭگونىڭ نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ مىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: نورۋېگىيە جوڭگو مۇناسىۋىتى 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ نورماللاشقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرىنىڭ ئالاقىسى قويۇقلاشتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، نورۋېگىيە بىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىساد-سودا، پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىدا ئىجابىي ئىلگىرلەش بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىغە ئۈزلۈكسىز بەخت-سائادەت ياراتماقتا.نورۋېگىيە جۇڭگو بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردىكى ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، قائىدە ئاساس قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك سېستىمىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر