باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە كورېيەنىڭ پارلامېنت باشلىقىدىن ياپونىيە پادىشاھى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ياندۇرۋېلىشنى تەلەپ قىلدى

2019.02.14 17:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە ھۆكۈمىتى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى كورېيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى مۇنھىساڭنىڭ پادىشاھ ئاكىخىتو ھەققىدىكى گەپ سۆزلىرىگە قارىشى تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن بۇ گەپ-سۆزلەرنى ياندۇرۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو 2-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇنھىساڭنىڭ پادىشاھ ئاكىخىتو ھەققىدىكى گەپ سۆزلىرى «ئىنتايىن خاتا»، ياپونىيە دەرھال دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق كورېيە تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلىشىدۇ، دېدى.

  كورېيە بىلەن ياپونىيەنىڭ تارىختىن قېلىپ قالغان مەسىلىلىرىنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە مۇنھىساڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى بلومبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا: پادىشاھ ئاكىخىتو پادىشاھ شيوۋانىڭ ئوغلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەلۋەتتە «ئۇرۇش جىنايەتچىسنىڭ ئوغلى» بولىدۇ. ئەگەر پادىشاھ ئاكىخىتو سەمىمىي ئەپۇ سورىسا، «ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللار» مەسىلىسى «مەڭگۈلۈك ھەل بولىدۇ»، دېگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر