باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئامېرىكىنى ۋېنسۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى

2019.02.14 17:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-ئاينىڭ 12-كۈنى رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ئاخباراتقا قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف شۇ كۈنى تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پونپىئو بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئامېرىكىنى ۋېنسۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: زور دىپلوماتىيە مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغاندا، لاۋروف ئامېرىكىنى قورال كۈچى قاتارلىق ھەر قانداق ۋاستە ئارقىلىق، ۋېنسۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. ئامېرىكا خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ئارىلىشىش ھەققىدە تەھدىت سالدى. رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسىدىكى پىرىنسىپ بويىچە ۋېنسۇئېلا مەسىلىسى ھەققىدە كېڭىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  لاۋروف شۇ كۈنكى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ۋىنسۇئېلا مەسىلىسى ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرۇشنى پىلانلىغان قارا لايىھەسىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش مەزمۇنى ماھىيەتتە ياردەم بېرىش تېرىسىگە ئورۇنىۋالغان ئېغۋاگەرچىلىك ۋاستىسىدۇر، بۇ ۋىنسۇئېلانىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇش، ھەتتا بۇنى كېيىن ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشنىڭ باھانىسى قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇ خىل قارارنى قوبۇل قىلمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر