باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ۋە ئىتالىيە زۇڭتۇڭى بىلەن تېلفونلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلىدى

2019.02.14 17:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە خەۋەر ئېلان قىلىپ، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكىرون ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا بىلەن تېلفونلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلىدى، دېدى.

  ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى مۇنداق دېدى: فىرانسىيە بىلەن ئىتالىيە مۇناسىۋىتى ئالاھىدە تارىخ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ئادىمىيەت مۇناسىۋىتى ئۈستىگە ئورنىتىلغان. فىرانسىيە بىلەن ئىتالىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەتلەر سۈپىتىدە ئالاھىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە ۋە گۈللىنىشىگە بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

  2018-يىلى 6-ئايدا ئىتالىيە يېڭى ھۆكۈمىتى تەختىكە چىققاندىن بۇيان، فىرانسىيە-ئىتالىيە مۇناسىۋىتى كۈنسېرى جىددىيلەشتى. فىرانسىيە ئىتالىيەنى قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە پورتىنى تاقىۋالدى، دەپ تەنقىد قىلغان، ئىتالىيەنىڭ نۇرغۇن رەھبىرى فىرانسىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش فاڭجېنى ۋە «سىرىق جىلىتكىلىكلەر»ھەرىكىتىگە قاراتقان سىياسىتىنى سۆككەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر