باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى سۈرىيە ۋە ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە قارشى تۇردى

2019.02.02 16:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى بىر تۈزىتىلمە لايىھەنى ماقۇللاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە ۋە ئافغانىستاندىن ئالدىراپ قوشۇن چېكىندۈرۈشىگە قارشى تۇردى.

  كېڭەش پالاتاسى شۇ كۈنى ئاۋازغا قويۇپ، 68 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 23 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشىدەك نەتىجە بىلەن بىر تۈزىتىلمە لايىھەنى ماقۇللىدى، تۈزىتىلمە لايىھەدە ئامېرىكىنىڭ ئەسەبىي تەشىكلات ئىسلام دۆلىتى ۋە بازا تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش نەتىجىلىرى ئېتىراپ قىلىندى ئەمما زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ سۈرىيە ۋە ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈش پىلانىغا قارشى تۇرۇلدى.

  تۈزىتىلمە لايھەدە مۇنداق دەپ بېكىتىلدى: ئىسلام دۆلىتى بىلەن بازا تەشكىلاتى ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە يەنىلا ئېغىر تەھدىد سالماقتا، سۈرىيە ۋە ئافغانىستاندىن ئالدىراپ قوشۇن چېكىندۈرۈش ــ ئەسەبىي قوراللىق كۈچلەرنىڭ يېڭىباشتىن باش كۆتۈرۈشى، رايون مۇقىملىقىنى بۇزۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئىران ياكى رۇسىيە كۈچ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشى مۇمكىن.

  كېڭەش پالاتاسى ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئىككى دۆلەتتىن زور كۆلەمدە قوشۇن چېكىندۈرۈشتىن بۇرۇن، ئىسلام دۆلىتى ۋە بازا تەشكىلاتىنىڭ مەڭگۈلۈك گۇمران بولغانلىقىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

  بۇ تۈزىتىلمە لايھەنى كېڭەش پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىقلار پارتىيەسى يەنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مىككوننېل ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ ئاۋازغا قويۇشتىن ئىلگىرى مۇنداق دېدى: ئىسلام دۆلىتى ۋە بازا تەشكىلاتى تېخى پۈتۈنلەي يوقىتىلمىدى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەنپەئەتى بىزدىن ئۇ يەردىكى بۇرچىمىزنى داۋاملىق ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  رېيتېر ئاگېنتلىقى خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: تۈزىتىلمە لايھەسى تېخىمۇ كەڭ ئوتتۇرا شەرق خەۋپسىزلىكى قانۇن لايىھەسىگە كىرگۈزۈلۈشى مۇمكىن، ئۇنىڭ مەزمۇنى سۈرىيەنى جازالاش، ئىسرائىلىيە ۋە ئىئوردانىيەنى قوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كېلەر ھەپتە كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇشى مۇمكىن.

  ترامپ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى جاكارلاپ: ئىسلام دۆلىتىنى مەغلۇپ قىلدۇق دېدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرى خەۋەر بېرىپ: ترامپ ئارمىيەگە پىلان تۈزۈپ، ئافغانىستاندىن ئامېرىكا قوشۇنىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا يېرىم ئەسكىرىنى يەنى تەخمىنەن يەتتە مىڭ ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈش بۇيرۇقى چىقاردى دېدى.

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاننى تىنچ ياراشتۇرۇش ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى خەلىلزادە ئافغانىستاندىكى تالىبان ۋەكىلى بىلەن يېقىندا يېڭى بىر نۆۋەت سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش، ئافغانىستاننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سۆزلىشىش، ئۇرۇش توختىتىش قاتارلىق ئىشلارنى كېڭەشتى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى خەۋەر بېرىپ، تالىباننىڭ ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان بەزى مۇھىم تەلەپلەرنى قوبۇل قىلىشى ھەققىدە بىشارەت يوق دېدى.

  كېڭەش پالاتاسى مۇشۇ ئاينىڭ 31-كۈنى ماقۇللىغان تۈزىتىلمە لايىھە دېموكراتلار پارتىيەسى كونتىروللۇقىدىكى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، ترامپ ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئاندىن قانۇنغا ئايلىنىدۇ، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋەر بېرىپ: بۇ قېتىمقى ئاۋاز قويۇشتىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدە كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان كېڭەش پالاتاسىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى بىلەن ترامپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئايان بولدى دېدى.

  جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىيو بۇ تۈزىتىلمە لايىھەنى قوللىدى ئۇ: ترامپنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈش قارارى ئامېرىكىنىڭ ئابرويىغا زىيان يەتكۈزدى دېدى. دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋان سىتېيىننىڭ قارىشىچە، توقۇنۇشنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسى بولمىغان ۋاقىتتا سۈرىيە ياكى ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈش مۇمكىنچىلىكى ئامېرىكا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرگە زىيان يەتكۈزىدىكەن.

  بۇ ئىككى ئايدىن بۇيان كېڭەش پالاتاسىنىڭ ترامپنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشنى قوللاش ھەققىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق تەدبىرى. ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا كېڭەش پالاتاسى ترامپنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يەمەننىڭ ئۇرۇش ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى قوللاشنى توختىتىش ھەققىدىكى قارارنى ماقۇللىدى.

  ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ مۇشۇنداق ئىختىلاپلار بار. ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي كۈچى ۋە ئامېرىكىنىڭ باشقا نۇرغۇن دىپلوماتىيە سىياسەتلىرى ھەققىدە ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئاساسلىق ئاخبارات تارماقلىرى مەسئۇللىرىنىڭ 1-ئاينىڭ 29-كۈنى كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىدا بەرگەن ئىسپاتى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرى تىرامنىڭ ئىلگىرىكى بىر قاتار بايانلىرىغا زىت.

  دۆلەتنىڭ ئاخبارات باش نازارەتچىسى كوتىس: ئىسلام دۆلىتىنىڭ يەنىلا نەچچە مىڭ ئەزاسى بار ئۇلار يەنە قايتا باش كۆتۈرۈشى مۇمكىن دېدى، ترامپ بۇنىڭغا جاۋابەن: ئاخبارات تارماقلىرى ۋە باشقۇرغۇچى تارماقلار ناھايىتى پاسسىپ ۋە ساددا دېدى.

  سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتىس ترامپنىڭ سۈرىيەدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش قارارىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپاھ بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر