باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ قاتار ئەمىرى تامىم بىلەن كۆرۈشتى

2019.02.02 14:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا قاتار ئەمىرى تامىم بىلەن كۆرۈشتى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قاتار جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە پارس قولتۇقى رايونىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-قاتار مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىرى ساغلام، مۇقىم راۋاجلاندى، سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى پىلانلىدى. جۇڭگو قاتارنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، قاتار بىلەن ئومۇميۈزلۈك دوستلۇق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو قاتار بىلەن ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇزاق مەزگىل مۇقىم بولغان ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتارغا ئۇللۇق كەسىپلەر قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنى ئېچىۋېتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگو-پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى ئەركىن سودا رايونىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك سۆھبىتىنى تېزدىن باشلاپ، بالدۇرراق بىردەكلىك ھاسىل قىلىشنى خالايدۇ.

  تامىم مۇنداق دېدى: قاتار بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى راۋاجلانماقتا. قاتار جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىغا ئۈمىد بىلەن قارايدۇ، ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ساھەسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگودا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئىزدەشنى خالايدۇ. قاتار جۇڭگو ۋە ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى-جۇڭگو ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىنى تېرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر