باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا چېگرا قويدايدىغان ئەسكەرلەرنى كۆپەيتمەكچى

2019.02.02 16:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ مۇۋەققەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پاترىك شاناخان 1-ئاينىڭ 29-كۈنى بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ مېكسىكا بىلەن تۇتىشىدىغان چېگرىغا رەسمىي ۋەزىپىدىكى نەچچە مىڭ ھەربىينى كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ، دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ چېگرىنى باشقۇرۇپ تىزگىنلىشىگە ياردەملەشتۈرۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  شۇ كۈنى، پارلامېنت ئاۋام پالاتاسى ھەربىي كومىتېتى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ، ئارمىيە ئەمەلدارلىرىدىن قىسىمنىڭ چېگرا قوغداش ۋەزىپىسىگە كېتىدىغان خىراجىتى، ئۇنىڭ دائىرىسى، نىشانىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  شاناخان تاراتقۇ مۇخبىرلىرىغا، چېگرىغا ئەسكەر كۆپەيتكەندە، دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سىم تور ئورنىتىش، نازارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بىزدىن ئۆزلىرىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى، بىز سىلەرگە قانچىلىك ئادەم كېرەك دەپ جاۋاب قايتۇردۇق دېدى.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد تىرامپ ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى توسۇش ئۈچۈن، بۇلتۇر 10-ئايدا غەربىي جەنۇب چېگرىسىغا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قىسىملىرىنى ئەۋەتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. چېگرىغا ئەۋەتىلگەن رەسمىي ۋەزىپىدىكى ھەربىي بۇلتۇر 11-ئايدا بىر مەھەل 5900 غا يەتتى.

  بۇ قىسىم ئەسلىدە بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 15-كۈنى چېگرا قوغداش ۋەزىپىسىنى ئاياغلاشتۇرماقچى ئىدى، كېيىن دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بۇ يىل 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىلدى. رەسمىي ۋەزىپىدىكى تەخمىنەن 2350 ھەربىي ھازىر چېگرىدا تۇرماقتا. شاناخان 1-ئاينىڭ 14-كۈنى بۇيرۇق ئىمزالاپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئۇزارتتى.

  بەش بۇرجەكلىك بىنا چېگرا قوغداشقا كۆپەيتىپ ئەۋەتىلىدىغان ئەسكەرلەرنىڭ كونكرېت سانىنى ۋاقتىنچە ئاشكارىلىمىدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان نۇرغۇن ئەمەلدارلىرى رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا، ئىككى مىڭ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ رەسمىي ۋەزىپىدىكى ھەربىي ئەۋەتىشىمىز مۇمكىن، لېكىن ئومۇمىي ئادەم سانى بۇلتۇر 11-ئايدىكى يۇقىرى پەللىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ دېدى.

  بەش بۇرجەكلىك بىنا چېگرا قوغداش قىسمى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن ئارىزونا ئىشتاتى، كالىفورنىيە ئىشتاتى، يېڭى مېكسىكا ئىشتاتى، تېكساس ئىشتاتىدا كۆچمە نازارەت سىنكۆزىنى باشقۇرىدۇ، 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن تەخمىنەن 240 كىلومېتىرلىق سىم تورنى ئورنىتىپ بولىدۇ دېدى.

  ئاۋام پالاتاسى ھەربىي كومىتېتى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچتى. بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسى، دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان ئادام سىمىت بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئەمەلدارىدىن قىسىمنىڭ چېگرا قوغداش ۋەزىپىسىگە كېتىدىغان خىراجىتى، ئۇنىڭ كۆلىمى، نىشانىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئامېرىكا ئارمىيەسى بىرلەشمە ئىشتابىنىڭ ئەمەلدارى مايكول گىلداي رەسمىي ۋەزىپىدىكى قىسىمنىڭ چېگرىنى قوغدىشىغا 132 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېتىدۇ دېدى. بۇندىن باشقا، زاپاس قىسىم بولغان خەلق مۇھاپىزەت قىسمى 2018-يىلى 4-ئايدىن تارتىپ چېگرىنى باشقۇرۇپ تىزگىنلەشكە كىرىشكەن، بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كېتىدىغان خىراجىتىنىڭ كۆزلىمىسى 550 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.

  گىلداي ئىزاھات بېرىپ، ئاساسلىقى ئەڭ تېز ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇش ئۈچۈن، رەسمىي ۋەزىپىدىكى قىسىمنى چېگرا قوغداشقا ئەۋەتىمىز دېدى.

  تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرىغا رەسمىي ۋەزىپىدىكى قىسىمنى ئەۋەتىشى دۆلەت ئىچىنىڭ تەنقىدىنى قوزغىدى. بىر قىسىم كىشىلەر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان بۇ زۇڭتۇڭ بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 6-كۈنى پارلامېنتنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدىن بۇرۇن ئەسكەر ئەۋەتىپ، ھەربىي بايلىقنى ئىشلىتىپ، سىياسىي خۇپسەنلىك قىلىشقا چېتىلدى دېدى. بۇندىن باشقا، تىرامپ پارلامېنتتىن چېگرىغا پاسىل تام سېلىش ئۈچۈن بەش مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىشنى تەلەپ قىلىپ، دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەرنىڭ قارشلىقىغا ئۇچراپ، قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىم ئورگىنىنىڭ بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن بۇ يىل 1-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە تاقىلىپ قېلىپ، تاقىلىشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىدا رېكورت يارىتىلىشىغا سەۋەبچى بولدى.

  تىرامپ غەربىي جەنۇب چېگرىسى كىرىزىسقا دۇچ كەلدى دەپ قاراپ، زۇڭتۇڭلۇق ھوقۇقۇمنى ئىشلىتىمەن، جىددىي ھالەت جاكارلايمەن، پارلامېنتتىن ئەگىپ ئۆتۈپ، بىۋاسىتە پاسىل تام سالىمەن دەپ بىر مەھەل تەھدىت سالدى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئاخبارات باش نازارەتچىسى دان كوتىس 1-ئاينىڭ 29-كۈنى كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتىغا بىر پارچە يەر شارى تەھدىتلىرىنى باھالاش دوكلاتى سۇندى، ئەمما بۇنىڭدا چېگرا بىخەتەرلىكىنى تىلغا ئالمىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر