باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاغان ھارپىسىدا خىزمەت تەكشۈرگەن جايلىرىغا قايتا زىيارەت

2019.02.02 14:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلگىرى «زېمىندىكى ئۈنۈمسىز تۇپراق» دەپ ئاتالغان گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دىڭشىدىن مۇز بىلەن قاپلانغان ئىچكى موڭغۇل چوڭ يايلىقىغىچە؛ كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونى يەنئەندىن قىزىل مۇقەددەس جاي جىڭگاڭشەنگىچە؛ ھاۋاسى سوغۇق پايانسىز جاڭبېي يايلىقىدىن ئەگرى-توقاي تاغ يولى بىلەن قاپلانغان دالياڭشەن تېغىغىچە، ھەر قېتىم چاغان كەلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا باردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ تاۋخې دەرياسىدىن سۇ باشلاپ سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، «ئىلىم-پەننى ھۆرمەتلەپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەدبىر بەلگىلەپ، ئەستايىدىل قۇرۇلۇش قىلىپ، گەنسۇدىكى نەچچە مىليون خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ ئارزۇ قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، پۇقرالارنى تاۋخې دەرياسىنىڭ پاكىز، تاتلىق سۈيىنى بالدۇرراق ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. 2014-يىلى، گەنسۇ تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ۋادا ھالقىپ سۇ تەڭشەش قۇرۇلۇشى بولغان تاۋخې دەرياسىدىن سۇ باشلاپ سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى رەسمىي پۈتۈپ، تاۋخې دەرياسىنىڭ سۈزۈك سۈيى قۇرغاق تاغلىق يېزىلارغا شىرىلداپ ئېقىپ كىرىپ، تۇپرىقى ئۈنۈمسىز لۇڭجۇڭنىڭ ئۈمىد بۇلىقىنى دولقۇنلاتتى. 2015-يىلى، جەمئىي يەتتە مىليارد 306 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان تاۋخې دەرياسىدىن سۇ باشلاپ سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى، بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئىككى مىليون 680 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۇنىڭدىن نەپ ئالىدۇ، 290 مىڭ مودىن ئارتۇق بىنەم يەر مۇنبەت ئېتىزلىققا ئايلىنىدۇ. يېڭى بىر يىلدا، قۇرۇلۇشچىلار باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى ۋە ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى ئېلىپ، «ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش سۈيى» ۋە «بېيىش سۈيى» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يەنىلا داۋاملىق تىرىشىپ ئىشلىمەكتە. 2014-يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ نۆلدىن تۆۋەن 30 نەچچە سېلسىيە گرادۇسلۇق قەھرىتان سوغۇققا قارىماي، چېگرا بويىغا جايلاشقان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ھىنگان ئايمىقى ئارشان شەھىرىگە باردى ھەم قىيىنچىلىقى بار ئورمان خىزمەتچىسى گو يۇڭسەينىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. ئۇ ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتىپ، كەپىلىك مەھەللىلەرنى تېزدىن ئۆزگەرتىشنى تاپىلىدى. باش شۇجى ئۆيىگە كېلىپ مېھمان بولغاندىكى ئەھۋالنى ئەسلىگەندە، گو يۇڭسەي ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى باسالماي مۇنداق دېدى: باش شۇجى كەلگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى يىلى، بىز يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق. ھازىر بىنا ئۆيدە تۇرۇۋاتىمىز، گاز ئوچاق ۋە مۇنچا بار، يەنە ئاممىۋى مۇنچىغا بېرىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى. 2014-يىلىدىن باشلاپ، ئارشان شەھىرى جەمئىي تۆت مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كەپىلىك مەھەللىلەردىكى ئۆيلەردىن ئون مىڭدىن ئارتۇقنى يىغىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا 2700 يۈرۈش يېڭى ئۆي بەردى، يول ۋە تۇرۇبا تورى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېڭىدىن ياساپ ۋە ئۆزگەرتىپ، ئىسسىنىش تەس، سۇ ئىچىش، سەپەرگە چىقىش قىيىن بولۇش قاتارلىق كەپىلىك مەھەللىلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ بۇرۇنقى كونا، زور، قىيىن مەسىلىلىرىنى بىر-بىرلەپ تۈپتىن ھەل قىلدى.

  2016 -يىلى چاغان ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭشى ئۆلكىسى جىڭگاڭشەن شەھىرىنىڭ شېنشەن كەنتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. كەنت ئاھالىسى جاڭ چېڭدې مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئائىلەم نامرات ئىدى، كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇراتتۇق. باش شۇجى ھەر بىر ئېغىز ئۆيگە كىرىپ كۆردى، يەنە بىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ كىرىم-چىقىمنى ھېسابلاپ كۆردى. باش شۇجىنىڭ «نامراتلارنى يۆلەش يولىدا، بىرمۇ نامرات ئائىلىنى، بىرمۇ نامرات ئاممىنى چۈشۈرۈپ قويساق بولمايدۇ» دېگەن سەمىمىي سۆزلىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى شۇنداقلا چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. جاڭ چېڭدې ئەر-خوتۇن كەنتنىڭ يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كەنتتىكى تۇنجى سەھراھ ئارامگاھىنى قۇرۇپ، سودىسى ناھايىتى ياخشى بولدى. 2018-يىلى، شېنشەن كەنتى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 270 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ساياھەت كىرىمى 10 مىليون يۈەندىن ئاشتى. شېنشەن كەنتى بۇنىڭدىن كېيىن يەنە باجياۋلۇ، خۇاڭياڭجيې، قىزىل ئارمىيە مەشىق مەيدانى قاتارلىق قىزىل مەنزىرىگاھلارنى تۇتاشتۇرۇپ، جىڭگاڭشەننىڭ تولۇق ساھەلىك ساياھەت يېڭى پىلانىغا بىرلىكتە يۇغۇرۇلىدۇ.

  چاغان يېقىنلاپ قالدى، خېبېي ئۆلكىسى جاڭبېي ناھىيەسى شياۋئېرتەي بازىرى دېشېڭ كەنتىدىكى ھەممە ئائىلىگە پانۇسلار ئېسىلدى. كەنت ئاھالىسى شۈ خەيچېڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئىككى يىل ئىلگىرى باش شۇجى مېنى يوقلاپ كەلدى، يەنە ئۆيۈمدە سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. باش شۇجى يۇرتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىقچىلىق ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياڭيۇنىڭ ئەسلى سورتىنى تېرىغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنى ياڭيۇ كەسپىنى كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، دېشېڭ كەنتىدە، دېشېڭ ياڭيۇ باغچىسى قۇرۇلدى، دېشېڭ كەنتى جەمئىي ئون مىليون 700 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئۇششاق ياڭيۇ پارنىكىدىن 280 نى ياسىدى؛ «يۈفۇ دېشېڭ» ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىسىنى ياراتتى؛ دۆلەتنىڭ يېشىل گۇۋاھلىق بېرىشىگە ئېرىشىپ، تور بازىرى ۋە گۈللەنمە سېتىش يوللىرىنى پائال ئېچىپ، «يۈفۇ دېشېڭ» ياڭيۇسىنى توردا سېتىشقا باشلىدى. سىچۈەن ئۆلكىسى لياڭشەن ئوبلاستىنىڭ سەنخې كەنتى تىپىك يىزۇلار كەنتى. دېڭىز يۈزىدىن 2500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ ئۈستىگە جايلاشقان. كەنت ئاھالىسى جىخاۋ يېچيۇنىڭ ئۆيىدىكى تامنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى ئېسىلغان. باش شۇجىنىڭ «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىرمۇ مىللەت، بىرمۇ ئائىلىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ» دېگەن سۆزلىرى جىخاۋ يېچيۇنى بەك ھاياجانلاندۇرغان ئىدى، ئۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم نامرات ئائىلە دېگەن قالپاقنى بالدۇرراق چۆرۈپ تاشلاش. باش شۇجى ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلدى دېدى. يەنە ئون كۈندىن كېيىن، جىخاۋ يېچيۇنىڭ ئائىلىسى ۋە يۇرتداشلار 100 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىدۇ. 2018-يىلى، لياڭشەن ئوبلاستى قاتناش قۇرۇلۇشىغا جەمئىي بىر مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 3234 كىلومېتىر يېزا تاشيولى ياسىدى، يېڭىدىن 21 يېزا-بازارغا ئاسفالىت يول تۇتاشتۇردى، 370 ئىشتاتلىق كەنتنىڭ يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇردى. پىلانغا ئاساسەن، بۇ يىل ھەممە يېزىنىڭ يوللىرىنى ئاسفالىتلاشتۇرۇش، ھەممە كەنتنىڭ يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇش، شارائىتى ھازىرلانغان يېزا-بازار ۋە كەنتلەرگە يولۇچى ئاپتوبۇسلىرى سېلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. كەنت ئاھالىلىرى «نامراتلارنى دەل يۆلەش ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن» دېگەن گەپلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي، دالياڭشەن پەرزەنتلىرىنىڭ مىننەتدارلىقى ۋە تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر