باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشى ئاياغلاشتى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ليۇ خې بىلەن كۆرۈشتى

2019.02.02 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 31-يانۋار ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئاق ساراينىڭ ئېللىپىس شەكىللىك ئىشخانىسىدا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد سۆھبىتىدىكى جۇڭگو تەرەپنىڭ باشلىقى ليۇ خې بىلەن كۆرۈشتى.

  ليۇ خې ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى زۇڭتۇڭ ترامپقا يەتكۈزدى. شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىر مۇھىم ھالقىلىق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۆتكەن ئايدا، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئارگېنتىنادا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، ماسلاشتۇرۇش، ھەمكارلىق، مۇقىملىقنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك قوشۇلغان. بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشقا ئاساسەن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلىرى يېقىندىن بۇيان كېڭىشىشنى زىچ قانات يايدۇرۇپ، پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش پوزىتسىيەسى بىلەن داۋاملىق بىرگە ئىلگىرىلەپ، كېڭىشىشنى چىڭ تۇتۇپ، بالدۇرراق ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاكتىپ سىگنال تارقىتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن داۋاملىق ھەر خىل يوللار بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ تۇرۇشنى خالايمەن. جۇڭگونىڭ چاغان بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەن ۋە ئايالىم پېڭ لىيۈەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى، مېيلانىيا خانىم ۋە ئائىلەڭلەرگە چاغانلىق سالام يوللايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر