1-فېۋرال، ئامېرىكىنىڭ ۋاشنگتوندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيو گوۋۇيۈەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى 2-ئاينىڭ 1- كۈنى ئامېرىكىنىڭ 2-فېۋرالدىن باشلاپ «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»دىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى، شەرتنامىدىن چېكىنىپ چىقىش تەرتىپىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىيو شۇ كۈنى گوۋۇيۈەن مۇخبىرلار يىغىنىدا: رۇسىيە ئۇزاقتىن بېرى «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىۋاتقان بولغاچقا، ئامېرىكا تەرەپ شەرتنامىدىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، ئالتە ئايلىق مۆھلەتتە شەرتنامىدىن چېكىنىپ چىقىش تەرتىپىنى باشلايدۇ، دېدى.
ئامېرىكا ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى 1987-يىلى «سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ۋە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تۈگىتىش شەرتنامىسى»نى ئىمزالىغان، قىسقارتىلىپ «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»، دەپ ئاتالغان، شەرتنامىدە ئىككى دۆلەتنىڭ سىناق ئېتىش مۇساپىسى 500 كېلومېتىردىن 5500 كىلومېتىرغىچە بولىدىغان بولۇپ، قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە ئۇنى قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسىنى ئەمدى ساقلىماسلىق، ئىشلەپچىقارماسلىقى بەلگىلەنگەن ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى