باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كۆپ تەرەپ يىغىن ئېچىپ كېڭىشىپ، ۋېنېزۇئېلا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشماقچى

2019.02.02 16:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇرۇگۋاي بىلەن مېكسىكا 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇرۇگۋاينىڭ پايتەختى مونتېۋىدېئودا خەلقئارالىق يىغىن ئېچىپ، لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدىكى دۆلەتلەرنى يىغىپ ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتى ئۈستىدە كېڭىشىپ، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ سۆزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى بېكىتتى. بولىۋىيە 1-ئاينىڭ 31-كۈنى بۇ تەشەببۇسقا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  شۇ كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بىرقانچە دۆلەت بىلەن بىر خەلقئارا ئالاقە گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، 90 كۈن ئىچىدە ۋېنېزۇئېلانىڭ قايتا سايلام ئۆتكۈزىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  زۇڭتۇڭ نىكولاس مادۇرونى قوللايدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئۆكتىچىلەرنى قوللايدىغان ياكى ئۇنى قوللاشقا مايىل دۆلەتلەر ۋېنېزۇئېلادىكى سىياسىي قاتماللىقنى چۆرىدەپ خەلقئارالىق ماسلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بۇ دۆلەتلەر بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەيدانى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ھەممىسى كىرىزىسنى سىياسىي مۇساپە ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

  بولىۋىيە زۇڭتۇڭى خۇئان ئېۋو مورالېس ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يازما يېزىپ، بولىۋىيە «قېرىنداش دۆلەت» مېكسىكا بىلەن ئۇرۇگۋاينىڭ تەشەببۇسىنى قارشى ئالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا قېتىلىدۇ، ۋېنېزۇئېلا كىرىزىسىنىڭ تىنچ ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ خەلقئارا يىغىننى ئېچىش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرىس ۋە ۋاتىكان رىم پاپاسى فىرانسىسنىڭ مۇراجىئىتى بىلەن بولدى، دېدى.

  ئۇرۇگۋاي بىلەن مېكسىكا ھۆكۈمەتلىرى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى بىر باياناتتا مۇنداق دېدى: يىغىننىڭ مەقسىتى ۋېنېزۇئېلادىكى بارلىق سىياسىي كۈچلەر قاتنىشىدىغان يېڭى سۆزلىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىشقا ئاساس سېلىش، بۇ ۋېنېزۇئېلادا مۇقىملىق ۋە تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق. مېكسىكا ھۆكۈمىتى يىغىنغا ئوندىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات قاتنىشىدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى.

  مېكسىكا، ئۇرۇگۋاي، بولىۋىيە ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرونىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ.

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى بىر تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا «مېكسىكا، ئۇرۇگۋاي ۋە ۋاتىكان»نىڭ تەشەببۇسىغا كۈچلۈك قارشى تۇرىدۇ، مادۇرونىڭ ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشىغا رۇخسەت قىلىدىغان بارلىق سۆزلىشىشنى رەت قىلىدۇ.

  رۇسىيەنىڭ ئۇرۇگۋايدىكى باش ئەلچىسى نىكولاي سۇفېنىسكى رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىغىغا مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا 2-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنماسلىقى مۇمكىن. رۇسىيە ئۇرۇگۋاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇنىڭ كۆلىمى خېلىلا كىچىك يىغىن ئىكەنلىكى، رايون سىرتىدىكى دۆلەتلەر تەكلىپ قىلىنمايدىغانلىقى، ۋېنېزۇئېلالىقلارمۇ تەكلىپ قىلىنمايدىغانلىقى، نوقۇل رايون خاراكتېرلىك يىغىن ئىكەنلىكىنى ئۇقتى.

  پېرۇ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىكى بىر خەۋەردار ئەرباپ سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: پېرۇ يىغىنغا قاتناشمايدۇ. پېرۇ ۋېنېزۇئېلا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى خۇئان گۇايىدونىڭ «ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ» ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ بىرى.

  ئاتلانتىك ئوكياننىڭ قارشى قىرغىقىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى رۇمىنىيەنىڭ پايتەختى بۇخارىستتا ۋېنېزۇئېلا ۋەزىيىتى توغرىسىدا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئاچتى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتىگە مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرېنى يىغىندىن كېيىن مۇنداق دەپ جاكارلىدى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىرقانچە ئەزاسى بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بەزى دۆلەتلەر ۋېنېزۇئېلا مەسىلىسى خەلقئارا ئالاقە گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ۋېنېزۇئېلانىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سايلام ئۆتكۈزىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشنى كېڭىشىپ بېكىتتى.

  گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، پورتۇگالىيە، شىۋىتسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئېكۋاتور، كوستارىكا، ئۇرۇگۋاي، بولىۋىيەلەر بۇ ئالاقە گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىدۇ. موگېرىنى: ئالاقە گۇرۇپپىسى كېلەر ھەپتە مەلۇم بىر لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتىدە تۇنجى قېتىم مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، دېدى.

  موگېرىنىنىڭ سۆزى بويىچە، گۇرۇپپا قۇرۇشنىڭ مەقسىتى ياراشتۇرۇش ئەمەس، مەلۇم شەكىلدىكى سۆزلىشىشكە تۈرتكە بولۇشمۇ ئەمەس، ۋاقىتنى سوزۇشمۇ ئەمەس.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت مۇددىتى 90 كۈن، سايلامغا تەشكىللەشتە تولۇق نەتىجىگە ئېرىشەلمىسە ۋاقتى كەلگەندە تارقىتىۋېتىلىشى مۇمكىن، ئىجابىي ئەھۋاللار كۆرۈلسە، مۇددىتى ئۇزىرايدۇ.

  رېيتىر ئاگېنتلىغى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى يېتەكچىلىكىدىكى بۇ ئالاقە گۇرۇپپىسى ۋېنېزۇئېلادا زۇڭتۇڭ سايلىمىنى قايتا ئۆتكۈزۈشكە تۈرتكە بولالمىسا، ۋېنېزۇئېلاغا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزىلىشى مۇمكىن.

  ئەمما موگېرىنى شۇ كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا «ئۇلتىماتوم» تاپشۇرۇپ، مۆھلەت ئىچىدە قايتا سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، بۇ ھەم ياۋروپانىڭ ئۇسلۇبى ئەمەس، مېنىڭ ئۇسلۇبىممۇ ئەمەس، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر