باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا چاۋشيەن باشلىقلىرىنىڭ 2-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا ئائىت ئىنچىكە تەپسىلاتلار كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىنىدۇ

2019.02.02 16:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا 1-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا چاۋشيەن باشلىقلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش ۋاقتى ۋە ئورنى كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىنىدۇ.

  چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن سىياسىتى ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفېن بىگان شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ «شەرت تىزىملىكى»نى ئاشكارىلاپ، چاۋشيەندىن يادرو قوراللىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبسىنىڭ «تېگى»نى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ شۇ كۈنى ئاقسارايدا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدا مەن بىلەن چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇننىڭ 2-قېتىملىق ئۇچرىشىش ۋاقتىمىز ۋە ئورنىمىز ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇ مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى پارلامېنتتا دۆلەت ئەھۋالى توغرىسدا دوكلات بەرگەندە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن، دېدى.

  بىر كۈن بۇرۇن، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئو مۇنداق دېدى: ئامېرىكا چاۋشيەن باشلىقلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇچرىشىش ئورنى ۋيېتنام ۋە تايلاندنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن، تارامپ 1-ئاينىڭ 31-كۈنى: مېنىڭچە كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ جاينى بىلىدۇ. بۇنى چوڭ مەخپىيەتلىك دەپ قارىمايمەن، دېدى.

  ترامپ بىلەن كىم جېڭئۇن ئۆتكەن يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سىنگاپوردا تۇنجى قېتىم ئۇچراشتى ھەمدە بىرلەشمە بايانات ئىمزالاپ، تىرىشىپ «يېڭى چاۋشىيەن-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئورنىتىش»، «چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا ئۇزاققىچە مۇقىم ۋە تىنچ مېخانىزم بەرپا قىلىش» ھەققىدە ۋەدە بەردى. ترامپ چاۋشيەننى بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشكە ماقۇل بولدى، كىم جۇڭئۇن «چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى پۈتۈنلەي يادروسىزلاشتۇرۇش» ھەققىدىكى ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى.

  ترامپ بۇ يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاق سارايدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كىم يوڭچول بىلەن كۆرۈشۈپ، ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە ئامېرىكا چاۋشيەن باشلىقلىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش ئىشىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: چاۋشيەن سىياسىتى ئالاھىدە ۋەكىلى بىگان 2-ئاينىڭ 3-كۈنى كورېيەنىڭ پايتەختى سېئولغا يېتىپ بېرىپ، كورىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يېرىم ئارال تېنچلىقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى دۇشۇن بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئاندىن كېيىن چاۋشيەننىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سىنگاپور ئۇچرىشىشىدا بەرگەن ۋەدىلەرنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

  كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر دىپلوماتنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، بىگان چاۋشيەن ئەمەلدارلىرى بىلەن پانمونجومدا ئۇچرىشىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ خەۋەرگە قارىغاندا، بىگاننىڭ چاۋشيەننىڭ پايتەختى پيوڭياڭغا بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

  بىگان 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئامېرىكا ستانفورد داشۆسىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە ئامېرىكا چاۋشيەن مۇناسىۋىتى توغرىسىدا چاۋشيەنگە دوستلۇق قولىنى سۇنغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بېسىم قىلغان.

  بىگان مۇنداق دېدى: ئامېرىكا كىم يۇڭچول بىلەن ئۇچرىشىش نەتىجىسىدىن «رازى»؛ مەن چاۋشيەن ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىجابىي ئۇچرىشتىم، مۇھىم نۇقتىلار بار، نەتىجىنى كۈتىۋاتىمىز، ئومۇميۈزلۈك خىزمەت دەرىجىسىدىكى سۆھبەتكە قاراپ يەنە بىر قەدەم تاشلىدۇق. مەن كېلەر ھەپتە چاۋشيەن ئەمەلدارلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن بىلەن «ماس قەدەملىك ۋە پاراللېل» تەدبىرلەرنى قوللىنىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىمەن.

  چاۋشيەن ئامېرىكىنى چاۋشيەننىڭ يادروسىزلاشتۇرۇش تەدبىرىگە ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش مېخانىزمىنىڭ تىنچ تۈزۈلمىگە قاراپ بۇرۇلۇش ياسىشىغا تۈرتكە بولۇشقا دەۋەت قىلدى.

  بىگان مۇنداق دېدى: ترامپ بۇ ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ قويدى، ئامېرىكا چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلمايدۇ، چاۋشيەن ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ. مەن بىلەن ترامپ شۇنىڭغا ئىشىمىزكى، ھازىر 70 يىللىق ئۇرۇش ۋە دۈشمەنلىشىش ھالىتىگە خاتىمە بېرىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى، بۇ خىل توقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئاساسى يوق.

  ئۇ مۇنداق بىر پىلان تۈزدى، يەنى ئەڭ ئاخىرقى بىر يادرو قورالى چاۋشيەندىن ئايرىلغاندا، ئامېرىكا چاۋشيەنگە قاراتقان جازانى بىكار قىلىدۇ، تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇ، ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئەلچىخانىسىدا بايراقىنى چىقىرىدۇ.

  ئۇ پەقەت يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن بۇرۇن، ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە قاراتقان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرمايدىغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ كورىيەدىن ئامېرىكا ئارمىيەسىنى چېكىندۈرۈش ئويىنىڭ يوقلۇقىنى قايتا تەكىتلىدى. ئۇ ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپنىڭ «يادروسىزلاشتۇرۇش» ئېنىقلىمىسىدا ئىختىلاپ بار.

  ئامېرىكا چاۋشيەندىن يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلىدۇ، چاۋشيەن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

  بىگان مۇنداق دېدى: ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ «كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانى»نى چوقۇم ئۈزۈل-كېسىل چۈشىنىشى كېرەك، چاۋشيەن بۇ پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلىشى لازىم، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «ھالقىلىق جاي»لارغا كىرىشى ۋە نازارەت قىلىشىغا ماقۇل بولۇشى شەرت؛ ئاخىرىدا يىمىرگۈچى ماتېرىياللار، قوراللار، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسى ۋە باشقا كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى يۆتكەش ياكى كۆيدۈرۈۋېتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر