باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىكسىكىدا 6.1 بال يەر تەۋرىدى

2017.09.25 13:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېكسىكا دۆلەتلىك يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 23- سېنتەبىر سائەت 7 دىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكسىكىنىڭ ۋاخاكا ئىشتاتىغا يېقىن بولغان دېڭىزدا 6.1 بال يەر تەۋرىگەن،تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 75 كىلومېتىر بولغان.

  پايتەخت مېكسىكا شەھىرىدە يەر تەۋرەش سىگنالى بېرىلگەن، بىراق كۈچلۈك سىلكىنىش بولمىغان. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۇز بەرگەن رايونغا يېقىن جايدىكى پۇقرالار مۇخبىرغا، شۇ يەردە كۈچلۈك يەر تەۋرىگەنلىكىنى، ئىمارەتلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى، خەۋەرلىشىش سىگنالىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  مىكسىكىدا يېقىندا ئارقا ئارقىدىن يەر تەۋرىدى. 19- سېنتەبىر چۈشتىن كىيىن، مىكسىكىدا 7.1 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 57 كىلومېتىر بولدى، مېكسىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە 300 گە يېقىن كىشى قازا قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر