باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولدى

2017.09.25 13:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىتالىيە كېڭىش پالاتاسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى كېڭىشىنىڭ باشلىقى خۇاڭ مىڭفۇ باشچىلىقىدىكى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى ۋەكىللەر ئۆمىكى 21- سېنتەبىردىن 23- سېنتەبىرگىچە ئىتالىيەدە زىيارەتتە بولدى.

  ئىككى تەرەپ جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ پەرقى، باي نامراتلىق پەرقىنىڭ چوڭىيىشى ۋە قوراللىق توقۇنۇش، ياۋروپانىڭ مۇساپىرلار كىرىزىسى، چاۋشيەننىڭ يادرو كىرىزىسى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئىتالىيە تەرەپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ۋە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە ئىجابىي باھا بەردى، ھەمدە جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپكە ئېرىشىش قارىشىنى ماختىدى. ئىتالىيە جۇڭگونىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى، ھەمدە جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى قاتارلىق جۇڭگونىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر بىر بىلەن بولغان چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، بىر بىرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەينەك قىلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر