باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ياپونىيە تارىختىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك

2017.03.24 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش قىسمىنىڭ «كاگا» ناملىق ئەڭ چوڭ ئاۋىياماتكا دەرىجىلىك تىك ئۇچار قوغدىغۇچى پاراخوتى 22-مارت رەسمىي ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە باشلىدى. ياپونىيە مۇداپىئە قىسمىنىڭ سىياسىي ئەمەلدارى ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: بۇ پاراخوت جۇڭگونىڭ ئاسىيا رايونىدا كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەسىر كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ياپونىيەنىڭ چەتئەللەردىكى قويۇپ بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 23- مارت ياپونىيە «كاگا» ناملىق بۇ پاراخوتنىڭ ئېتىپ چۆكتۈرۈلۈۋېتىش تارىخىدىن ساۋاق ئېلىشى، مىلىتارىزمىنى قايتىدىن باش كۆتۈرتمەسلىكى كېرەك، دېدى.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن ياپونىيە خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ياخشى بولماقتا، ياپونىيە يەنە قۇتراتقۇلۇق قىلماقچى بولىدىكەن جۇڭگو ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيە ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كېڭەيتىشكە باھانە ئىزدەش ئۈچۈن، ئاتالمىش«جۇڭگو تەھدىتى» سەپسەتىسىنى ئۈزلۈكسىز ئويدۇرۇپ چىقىپ، كۆپتۈرۈپ كۆرسەتتى. جۇڭگو ياپونىيەنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىي مۇددىئاسىدىن يۈكسەك ئېھتىيات قىلىشقا ھەقلىق.

  ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنداق دېدى: «كاگا» ناملىق پاراخوت 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۆكتۈرۈۋېتىلگەن، ياپونىيە بۇ تارىختىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك. بىز «كاگا» ناملىق پاراخوتنىڭ قايتىدىن نامايان بولۇشىنىڭ ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈش بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر