باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ليۇ يۈنشەن خەلق گېزىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى

تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىش كېرەك

2017.03.23 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 22- مارت خەلق گېزىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە جامائەت پىكرى يۆنىلىشى چىڭ ئىگىلەپ، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچلۈك تارقىتىش كۈچى، رىقابەت كۈچىگە ئىگە يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى بەرپا قىلىپ،پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن ئالدى بىلەن خەلق گېزىتخانىسىنىڭ«تاراتقۇلار سۇپىسى»غا كېلىپ، يۇغۇرما تاراتقۇ مۇخبىرلىق، تەھرلىك، ماقالە ئېلان قىلىش سۇپىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىكنى ئاخبارات توپلاش، تەھرىرلىك، ماقالە ئېلان قىلىش خىزمىتىنى ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ تەسىر كۈچكە ئىگە يۇغۇرما تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پارتىيە گېزىتىنىڭ تارقىتىش ئەۋزەللىكىنى تورغا كېڭەيتىشكە مەدەت بەردى. ليۇ يۈنشەن يېڭى تاراتقۇ مەركىزىدە تېرمىنال ۋە قانۇنىي ئىگە مىكرو بلوگى، ئۈندىدارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، يېڭى تاراتقۇ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى باش ئورۇنغا قويۇپ، توردىكى جامائەت پىكرىگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاساسىي مىلۇدىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچنى تارقىتىش كېرەك. ليۇ يۈنشەن خەلق تورىدا ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن ئالاقە تورىدا پاراڭلاشتى، خەلق تورىنىڭ ئامما بىلەن ئالاقىلىشىدىغان سۇپىلارنى كۆپرەك تەسىس قىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ليۇ يۈنشەن تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا، مەركەز ئاخبارات ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن سۆھبەتلەشتى. ليۇ يۈنشەن كۆپچىلىك سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى زور يۈزلىنىش، تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇغۇرما تارقىتىش ئۈستۈنلۈكىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىدە كەڭ مۇھىت يارىتىش كېرەك. توغرا يۆنىلىش تەلىپىنى تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپى ۋە ماركىسىزىملىق ئاخبارات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە ئەندىزىسىنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەت، سۈپەت، خاسلىقنى تەكىتلەپ، ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىش كېرەك. تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا مەزمۇن قۇرۇلۇشى مۇھىم. مەزمۇننى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تارقىتىپ، ئەلنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئاخبارات خەۋەرلىرىنىڭ نوپۇز ۋاقىتچانلىقى، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنىڭ قاراتملىق ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، تەسىرلىك ئاخبارات ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، مەزمۇن ئۈستۈنلۈكى بىلەن تەرەققىيات ئۈستۈنلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئاخبارات تارقىتىش قانۇنىيىتى ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، تېزدىن «قېتىۋىلىش»تىن «بىرلەشتۈرۈش»باسقۇچىغا قەدەم قويۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈلمىسى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئومۇميۈزلۈك تاراتقۇلاشقان»،«بىرىككەن» يېڭىچە تاراتقۇ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش كېرەك. بىر قولدا بىرىكتۈرۈش، بىر قولدا باشقۇرۇشنى تۇتۇپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، باشقۇرۇش ئارقىلىق بىرلىشىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر