- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن ھوقۇققا چېقىلىش، ساختىلىققا زەربە بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى «پىكىر»نى تارقاتتى
2017.03.23 17:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىىندا لى كېچياڭ زۇڭلىنىڭ ئىمزا قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن گوۋۇيۈەن «يېڭى ۋەزىيەتتە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش ۋە ساختا، ناچار تاۋارلارنى ياساش، سېتىشقا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر»دەپ ئېلىندى) نى تارقىتىپ،ھوقۇققا چېقىلىش، ساختىلىققا زەربە بېرىشنى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستىراتېگىيەسىنى چوڭقۇرلاپ يولغا قويۇشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار تەرتىپىنى قوغداپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، خەلقئارالاشقان، قولايلىقلاشقان تىجارەت مۇھىتى يارىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى.
«پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: قانۇق بويىچە ئىدارە قىلىش، بەرپا قىلىش بىرلەشتۈرۈش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ھەمكارلىشىش، جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىش قاتارلىق پىرىنسپلاردا چىڭ تۇرۇپ، بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار قانۇن ۋە ئۆلچەمگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مېخانىزىمىنى ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاستىلەردىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىش داۋامى، ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كۈچەيتىش كېرەك. 2020- يىلىغا بارغاندا، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش، جىنايى ئىشلار قانۇنىنى ئىجرا قىلىش، ئەدلىيەلىك سوت، ھوقۇقنى قوغداشنى تېزلىتىش، كېسىم بىلەن ياراشتۇرۇش، كەسپ ئىنتىزامى، جەمئىيەت نازارەتچىلىكى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ يولغا قويۇلىدىغان ھوقۇققا چېقىلىش، ساختىلىققا زەربە بېرىش خىزمەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا
ئالاقىدار خەۋەرلەر