باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتى لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ يېڭىۋېلىشىنى ۋاقىت ئېشىپ كەتكەن، دەپ بېكىتتى

ۋاقىت خاتىرىلىگۈچى قاتارلىقلارغا جەرىمانە قويۇلۇپ، مۇسابىقىدىن توختىتىلدى

2017.03.23 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ۋاسكېتبول جەمئىيىتى 21-مارت ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، CBA يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ لياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى تۆتىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، ۋاقىت خاتىرىلگۈچىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىدە خىزمەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن جاۋ جىۋېينىڭ ئەڭ ئاخىرىدا كىرگۈزگەن ھالقىلىق توپىدا ۋاقىتنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بېكىتتى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىكى ۋاقىت خاتىرىلگۈچى، رېپىر ۋە تېخنىكا ۋەكىلىگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مۇسابىقىدىن توختىتىش جازاسى بېرىلدى.

  17-مارت كەچتىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا يەنە 6.5 سىكۇنت قالغاندا، ئىككى تەرەپ 107:107 نومۇر بىلەن تەڭلەشكەن ئىدى، لياۋنىڭ كوماندىسى يان سىزىقتىن توپ باشلىغاندىن كېيىن، جاۋ جىۋېي توپ ئېلىپ ھۇجۇم قىلدى، ئەينى ۋاقىتتا رېپىر سائەت بېسىش ئىشارىسى قىلدى، لېكىن مۇسابىقىنىڭ ۋاقىت ھېسابلاش سائىتى ۋە ھۇجۇم ۋاقتىنى ھېسابلاش سائىتى دەرھال باشلانمىدى. بىرلەشمە ئىنتىزام كومىتېتى تەكشۈرۈپ، سائەت بېسىشنىڭ 3.15 سىكۇنت كېچىككەنلىكىنى بېكىتتى، جاۋ جىۋىي توپ ئېلىپ، تۇنجى قېتىم ئېتىپ گارغا كىرگۈزەلمەي، ئارقىدىن گاردىن قايتقان توپنى بوشلۇقتا قايتا كىرگۈزگىچە بولغان پۈتكۈل جەريانغا كەتكەن ئەمەلىي ۋاقىت 7.07 سىكۇنت بولۇپ، ئەسلىدە مۇسابىقىدە ئېشىپ قالغان 6.5 سىكۇنتتىن ئېشىپ كەتتى، شۇڭا ۋاقىت ئېشىپ كەتتى، دەپ ھۆكۈم قىلىندى. ئىككى كوماندا ۋاقىت ئۇزارتىلغان مۇسابىقىگە كىرىشى كېرەك ئىدى.

  ۋاسكېتبول جەمئىيىتى ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى تالاشتا قالغان ھۆكۈمدە ۋاقىت خاتىرىلىگۈچى خىزمەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، مۇسابىقىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسەتكەن، رېپىر ۋاقىت ھېسابلاش سائىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك كېچىككەنلىكىنى ۋاقتىدا بايقىمىغان ھەمدە خاتا ھالدا نومۇرنى ئۈنۈملۈك دەپ ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغان ھالقىلىق پەيتتە خاتا ھۆكۈم قىلىنغاچقا، مۇسابىقە نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نەق مەيداندا تېخنىكا ۋەكىلى مۇسابىقىدىن كېيىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇننىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ھەمدە مۇسابىقىدىكى ھۆكۈمگە شەخسىي پىكرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا تەۋە.

  بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ۋاسكېتبول جەمئىيىتى لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ ئۆز مەيدانىدا بېنشى مۇسابىقە رايونى مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگۈچى ئورۇنلارغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىدى، بىرلەشمە مۇسابىقە خىراجىتىدىن 10 مىڭ يۈەننى كېمەيتتى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ۋاقىت ھېسابلىغۇچى شۈ ماۋيىنى 2017- 2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى خىزمىتىگە قاتنىشىشتىن توختاتتى. نەق مەيداندىكى تېخنىكا ۋەكىلىگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى ھەمدە ئىچكى قىسىمدا مۇسابىقىدىن توختاتتى، رېپىرمۇ ئوخشاشلا ئىچكى قىسىمدا مۇسابىقىدىن توختىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر