باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلايلى

−−ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغالدى

2017.03.23 15:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ

  مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى كونكرېت خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئەزالار يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كونكرېت خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئىش ئورنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەرىكىتىدە گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقاتچىلار قوشۇنى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەگە تەلپۈنۈشتەك قۇدرەتلىك كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە تاراتقۇلار مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ خەۋەر قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىپ، ۋىلايەت بويىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش دولقۇنىنى قوزغىشى كېرەك.

  تۇرپان

  مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۆزىمىزدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىمىز

  تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى يىغىن ئېچىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا قايتا - قايتا سېلىشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش سالمىقى ۋە چوڭقۇرلىشىش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈپ، مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر بىلەن زىچ باغلاپ، تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئۇنى ئۆزىمىزدە ساقلانغان مەسىلىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پەرقلەرنى تېپىپ، مەنبەدىن قېزىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تەكشۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەرنى، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىستىلنى ياخشىلاپ تېگىش قىلىش ئارقىلىق تۈرلۈك ئىشلاردا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى

  تەشۋىق قىلىش ۋە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش دولقۇنىنى قوزغايمىز

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسلىق مەزمۇن ۋە روھىي ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆگىنىش، پىششىق ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي بىلىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ قويۇق جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى كۈچەپ يارىتىپ، ئۇنى«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىش، ئاممىغا يۈزلىنىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللىك تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش؛ ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش دولقۇنىنى تېز قوزغاش كېرەك.

  قاراماي

  مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز

  قاراماي شەھەرلىك پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەشتىن ئىبارەت تۆت بەنزىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ھەر قايسى تەشكىلىي تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلغاندا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، شۇنىڭدەك پارتىيە ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجىنى خاتىرجەم قىلىشى كېرەك. پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ئۆگىنىش دولقۇنىنى تېز قوزغاپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە پىششىق ئۆگىنىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيەتكە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى

  مۇھىم سۆزنىڭ روھىدىن پايدىلىنىپ، خىزمەتلەرگە تەپسىلىي قاراپ چىقىپ، خىزمەت تەپەككۇرى ۋە تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىمىز

  بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تېزدىن ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش كېرەك. ناھىيە، شەھەر، تارماقلار باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدىن پايدىلىنىپ، خىزمەتلەرگە تەپسىلىي قاراپ چىقىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىشى، بۇ ئارقىلىق خىزمەت تەپەككۇرى ۋە تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەشتە يېڭى - يېڭى ئىشلارنى قىلىپ، يېڭى ئۈنۈم يارىتىپ، مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇش روھىي ھالىتى ۋە راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە قىلغان غەمخورلۇقى ۋە مېھىر - شەپقىتىگە ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.

  (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز رېن چۈنخۇا، جاڭ خۇيجياڭ، ياڭ شياۋدۇڭ، دۇڭ شېڭشياڭ، ليۇ رۇڭفېي، ليۇ ۋېي، جاڭ لىڭ يازغان)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر