باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىش ئىقتىدارى ۋە يېزا تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

2017.03.23 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر رايونى قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى 21-مارتتىن 22-مارتقىچە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىق سېلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، مەملىكەت بويىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ ئالدىراش مەزگىلى، شۇنداقلا پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشتىكى ھالقىلىق پەسىل. جايلار، تارماقلار مەركەزنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەتىيازلىق پەرۋىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلەش، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە ھاۋا رايى يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر رايونى قۇرۇلۇشىنى كونكرېت ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىيات تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە كۈچەپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتى يېتىشتۈرۈش، شارائىتىغا قاراپ كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە بازار رىقابىتىنى ئاشۇرۇشتا زور كۈچ بىلەن ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىش ئىقتىدارى ۋە يېزا تەرەققىيات سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك چاقىرىلىشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم تەستىقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشى، دېھقانلار كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر