باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى: كەسپىي ئورۇنلاردىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ

2017.03.23 17:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىختىساسلىقلار ۋە تېخنىكا بايلىقى ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنسىتىرلىقى«كەسپىي ئورۇنلاردىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى قوغداش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»نى تارقىتىپ، كەسپىي ئورۇنلاردىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش ۋە مەدەت بېرىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، كونكىرت ئەھۋال ۋە كاپالەت تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى ھەم يولغا قويۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «پىكىر»دە ئاساسلىق ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنىدىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى تەدبىقلىنىش دائىرىسىدە بولۇپ، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنىدىن سىرت كەسپىي ئورۇنلاردىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىدىن ئوخشىمىغان يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئۇسۇلى تەلىپىگە ئۇيغۈن كەلگەنلىرى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «كەسپىي ئورۇنغا قاراشلىق كارخانا، جۈملىدىن شېرىكسىز كارخانا ياكى پېيى كونتىرول قىلىنغان كارخانىلار ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىلىش، تۈر ھەمكارلىقىغا قاتنىشىش، قۇشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش، ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئىگىلىك تىكلەش دائىرىسىدە ئەمەس».

  ئۈچ يىلغىچە كادىرلار مۇناسىۋىتى ساقلاپ قىلىنىدۇ، ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن مەزگىلدە ئاساسىي تەمىناتىمۇ ساقلاپ قىلىنىدۇ

  «پىكىر»دە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش ۋە مەدەت بېرىشتىكى كونكىرت سىياسەت تەدبىر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئالدى بىلەن كەسپىي ئورۇنلاردىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كارخانىلارغا ۋەزىپە بىلەن ئەۋەتىلىشى ياكى تۈر ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئەسلىدىكى ئورۇندىكى خىزمەتتىكىلەر بىلەن باراۋەر تەمىناتتىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقى بولىدۇ ھەم ئېرىشكەن نەتىجىسىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئېچىپ پايدا ئالسا بولىدۇ. قۇشۇمچە ۋەزىپە بىلەن يېڭىلىق ياراتقان ياكى خىزمەت ئىشلەپ تۇرۇپ كارخانا قۇرغان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىغا نىسبەتەن، ئېرىشكەن نەتىجىسى ئۈنۋان باھالاش، ئىش ئورنىغا رىقابەتلىشىپ چىقىش، تەكشۈرۈپ باھالاشتىكى مۇھىم ئاساس قىلىنىدۇ. ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ يېڭىلىق ياراتقان، ئىگىلىك تىكلىگەن كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كادىرلار مۇناسىۋىتى ئۈچ يىلغىچە ساقلىنىپ قالىدۇ، بۇ مەزگىلدىكى ئاساسىي تەمىناتىمۇ ساقلىنىپ قالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر