باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2017.03.23 15:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تەستىقىي يوليورۇق بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تيەن ۋېن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

  چېن چۈەنگو تەستىقىي يوليورۇقىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زۇڭلى لى كېچياڭ ۋە مۇئاۋىن زۇڭلى ليۇ يەندۇڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپىگە ئاساسەن، «قوغداشنى ئاساس قىلىش، قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش»تىن ئىبارەت خىزمەت فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىنى پۇختا ئىشلىشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىنى تۇتقا قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىدىيەۋى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»نىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىدە تارىخىي، مەدەنىيەت قىممىتىنى نامايان قىلىش كېرەك. قوغداشمۇ خىزمەت نەتىجىسى، دەيدىغان ئىلمىي ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش، دەل جايىدا باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭ يېڭى شانلىق نۇرىنى چاقنىتىش كېرەك. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، يىپەك يولىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى زىچ توپلىنىشتەك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۆزگىچە تارىخىي مەدەنىيەت، يەرلىك مەدەنىيەت، مىللىي مەدەنىيەتنى نامايان قىلىپ، ئاممىنىڭ كۆپ خىللاشقان، يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىشلىرىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى سېلىنمىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارماقلىرى ساپا، ئىقتىدارى ۋە قانۇن بويىچە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى قاتنىشىشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، گۈللەنگەن - باي، مەدەنىي - تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر تەستىقىي يوليورۇقىدا مۇنداق كۆرسەتتى: كۆپ يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش جەھەتتە كۆپلىگەن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەلنى ئىدارە قىلىش، ئادەم تەربىيەلەش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى چۆرىدەپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت، دەپ بىلىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاش، قوغداشنى ئاساس قىلىش، مۇۋاپىق پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، باشقۇرۇش ۋە پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدىيە، مەدەنىيەت بازىسىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت بۇ جان تومۇرنى سىڭدۈرۈپ، دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم ئىسلاھات، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ئاڭلىق مۇلازىمەت قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش،كۆرگەزمە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىدە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتەك ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭچە مۇزېي ئىشلىرى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، تارىخ ساداسىنى ياڭرىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئالاقىدار تارماقلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارماقلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەرتىپكە سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇشى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  يىغىندا ئىلى، تۇرپان، تارباغاتاي، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى سۆز قىلىپ، تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، مۇزېي قۇرۇلۇشى، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىقىغا ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق خىزمەت تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى.

  يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاساسلىق نەتىجىلەر تونۇشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون «12 - بەش يىل»دا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشقا 2 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئەسلىي ھالىتىنى قوغداش، كۆرگەزمە قىلىپ پايدىلىنىش، ئىلمىي تەتقىق قىلىش، مۇھىتنى تۈزەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە ئىشلەتكەن؛ ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك 30 مۇزېينى يېڭىدىن قۇرغان، ئۆزگەرتكەن، كېڭەيتىپ ياسىغان ھەم 30 نەچچە مۇزېينىڭ كۆرگەزمە دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا 9500دىن كۆپرەك جايدا يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نۇقتىسى بار ئىكەن، يۆتكىگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 450مىڭ پارچىدىن ئاشىدىكەن. 110دىن كۆپرەك جايدا دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى نۇقتىلىق قوغداش ئورنى، 550تىن كۆپرەك جايدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى بار ئىكەن.

  ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرى، مۇزېيلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر