باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

2017.03.24 15:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى 23-مارت بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇ چىڭلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى جاڭ چىڭلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دۇ چىڭلىن مۇنداق دېدى: بېجىرگۈچى ئورۇنلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تەۋسىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋسىيە بېجىرىش سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، تەۋسىيە بېجىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىنچىكە پۇختا ئىشلىشى؛ تەپسىلىي تۈرلەرگە ئايرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەۋسىيەلەرنىڭ خاراكتېرى، مەزمۇنى ۋە بېجىرىش مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، ئەتراپلىق رەتلەپ، ئىلمىي تۈرلەرگە ئايرىپ، توغرا بېجىرىشى، تەۋسىيەلەرنى بېجىرىشنىڭ كۆپ ئۆلچەملىكلىكى، كەڭ باغلىنىشچانلىقىنى توغرا ئىگىلىشى؛ پۈتكۈل جەرياندا كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، تەۋسىيەنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش، بېجىرىش، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كېڭىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەۋسىيە بېجىرىشنى كېڭىشىشنى كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى؛ ھەمكارلىشىپ بېجىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەۋسىيەنىڭ ئۆز خاسلىقى، ئارقا كۆرۈنۈشى، ئاساسىي يۆنىلىشى، مەقسەت تەشەببۇسىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، جاۋابنىڭ قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىشى؛ ئالاقىدار بېجىرگۈچى ئورۇنلار خىزمەت مەسلىھەت قىلىش مېخانىزمى، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاساسلىق بېجىرىش، بىرلىشىپ بېجىرىش، ئايرىم بېجىرىش، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋسىيە بېجىرىش خىزمىتى بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، تەۋسىيە بېجىرىدىغان 166 ئورۇننىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر