باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بېيجىڭ،تيەنجىن،خېبېينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن چىقىرىش تۈرىنى ماسلاشتۇرۇش چارىسى»چىقىرىلدى

2017.03.24 15:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ تەڭكەش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغىنىغا ئۈچ يىل بولغان پەيتتە« بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن چىقىرىش تۈرىنى ماسلاشتۇرۇش چارىسى»يېقىندا ئايرىم ئايرىم بۇ ئۈچ جاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى، بۇنىڭدىن كېيىن بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ مۇھىم قانۇن چىقىرىش ئىشلىرىنى ئۈچ جاي ئورتاق كېڭىشىپ بېكىتىدۇ.

  «بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن چىقىرىش تۈرىنى ماسلاشتۇرۇش چارىسى»نى خېبېي ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى باشلامچى بولۇپ تۈزدى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن چىقىرىش خىزمىتى بىرلەشمە كېڭىشىدە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى، ئۈچ تەرەپنىڭ كېڭىشىپ بېكىتىشى ئارقىلىق مەزكۇر چارە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەرقايسى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلىرى يىغىنىغا سۇنۇلۇپ، تەتقىق قىلىپ، تەستىقلانغاندىن كېيىن يولغا قويۇلدى.

  خېبېي ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ يىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ قانۇن چىقىرىش ساھەسىدە يارىتىلغان يېڭىلىق، بۇ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ قانۇن چىقىرىشىنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يۇقىرى بالداققا كۆتۈرىدۇ، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئەمەلىيەتتە بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن تەجرىبە توپلايتتۇق، ئىشلىرىمىزمۇ ناھايىتى چېچىلاڭغۇ ئىدى، ھەممىمىز ئۆز ئېھتىياجىمىزنى چىقىش قىلىپ ئىش قىلاتتۇق، ھازىر كۆپچىلىك كەلگۈسىدە ھەمكارلىشىشقا ئېھتىياجلىق ئىشلارنى ئورتاق كېڭىشىپ بېكىتىدىغان بولدۇق، قانۇن چىقىرىشتا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تەشەببۇسكار ۋە ئاڭلىق بولدۇق .چارىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: بېيجىڭ،تيەنجىن، خېبېي«بېيجىڭ،تيەنجىن، خېبېينىڭ تەڭكەش تەرەققىيات پىلان پىروگراممىسى»دىكى تەلەپكە ئاساسەن، پايتەخت ئىقتىدارىغا ماس كەلمەيدىغان شەھەر ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك تەڭشەشتىن ئىبارەت بۇ يادرونى چۆرىدەپ، قاتناشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، يۆتكەش قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە مۇناسىۋەت دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى مۇھىم قانۇن چىقىرىش تۈرلىرىنى تاللاپ ماسلاشتۇرۇش كېرەك، بېيجىڭ،تيەنجىن، خېبېي بەش يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانىنى ياكى يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانىنى تۈزگەندە بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ماس قەدەملىك تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن چىقىرىش تۈرلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش شۇنداقلا ئۈچ تەرەپ ماسلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك قانۇن چىقىرىش تەكلىپ تۈرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك، ئۈچ تەرەپ قانۇن چىقىرىش پىلانلىرى ياكى پىلان مەزمۇنىنى ئۆزئارا ئۇقتۇرۇشى كېرەك، تيەنجىن شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئەزا گاۋ شاۋلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانىدىن ئىككىسى بېكىتىلدى، بۇنىڭ بىرى «تيەنجىن شەھىرىنىڭ تاشيول باشقۇرۇش نىزامى» بولۇپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىكىلەرنىڭ ئورتاق مۇزاكىرە قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ بېكىتكىنى« خېبېي ئۆلكىسىنىڭ يول قاتناش تىرانسپورت نىزامى».

  ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىلى بېيجىڭ،تيەنجىن، خېبېينىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتى ماسلاشتۇرۇلغاندىن بېرى بۇ ئۈچ جاي « بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش تۈرىنى ماسلاشتۇرۇلىدۇ كۈچەيتىش ھەققىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى ماقۇللىغان ھەمدە بەزى قانۇن نىزاملارنى تۈزۈش جەھەتتە قانۇن چىقىرىشنى ماسلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئۈچ جاي نۆۋەتتە مۇھىت ئاسراش جەھەتتىكى بىرلىشىپ، ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تۈزەش تەدبىرىنى تەدرىجىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ بۇلغىما قويۇپ بېرىش قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ ئۆلكىلەر ئارا يۆتكىلىشىنى ئاساسەن توستى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر