باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2017.03.24 15:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «2017-يىللىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «مۇھىم نۇقتا»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2017-يىللىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدە پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باجنى ئازايتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئامىللار تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. « قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش»، دۆلەت مۈلكى كارخانىلىرى، مالىيە بېجى ۋە يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى، يېڭى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈش، ئېشىندى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش، ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، جەمئىيەت قۇتقۇزۇش، مۇھىتنى ئاسراش، مائارىپ، سەھىيە، يېمەكلىك سورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۇل-مۇئامىلە خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ مۇقىم ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر