باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ ئەتىيازلىق دىپلوماتىيەسى باشلاندى

2017.03.24 15:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ ئاياغلاشقانلىقىغا بىر ھەپتە بولدى، ئۆتكەن بىر ھەپتىدە، دىپلوماتىيە خىزمىتى قىزغىن دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى ئارقا-ئارقىدىن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى، ئېلىمىز رەھبەرلىرىنىڭ چەتئەل زىيارەتلىرىمۇ باشلاندى ياكى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگونىڭ ئەتىيازلىق دىپلوماتىيەسى باشلاندى.

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاياغلىشىپ ئەتىسى، يەنى 16-مارت دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى سالماننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، سالمان ئېلىمىز ئىككى يىغىنىدىن كېيىن تۇنجى جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن چەتئەل رەھبىرى بولۇپ قالدى. شۇندىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە، جۇڭگو يەنە نۇرغۇن مۇھىم مېھمانلارنى، يەنى رۇئاندا زۇڭتۇڭى كاگامى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تىللېرسون، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ قاتارلىقلارنى كۈتۈۋالدى، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن كۆرۈشتى.

  جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۆتكەن بىر مەزگىلدە ئادەمگە غۇۋا تەسىرات بەرگەن ئىدى، ئەمما تىللېرسوننىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش سىگنالىمۇ بارغانسېرى كۈچلۈك ياڭراشقا باشلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ تىللېرسون بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن ياخشى ئالاقىنى ساقلىدىم، ئىككىلىمىز جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ناھايىتى ياخشى ھەمكارلىق شېرىكلىرىگە ئايلانسا تامامەن بولىدۇ دەپ قارىدۇق. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن ئىككى قېتىم تېلېفونلاشتىم، ئۈچ قېتىم خەت ئەۋەتىشتۇق، بىز جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھەمكارلىقى-بىزنىڭ ئورتاق تېرىشىش يۆنىلىشىمىز دەپ ئورتاق قارىدۇق، بىز جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجابىي راۋاجلىنىپ، بىر يېڭى باسقۇچقا يېتىشىنى كۈتمەكتىمىز. ئەگەر بىز بۇ يۆنىلىشكە قاراپ ھەقىقىي تىرىشساق، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى چوقۇم باشتىن-ئاخىر بىر توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ماڭدۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.

  تىللېرسون جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە، ئۇنىڭ ئامېرىكا توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش روھى بويىچە، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ دېگەن سۆزلىرى كەڭ دىققەتنى قوزغىدى. مانا بۇ دەل رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تاشقى ساھەمۇ تىللېرسوننىڭ جۇڭگودىكى زىيارىتىنى جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ بالدۇرراق ئۇچرىشىشىغا قىلىنغان تەييارلىق دەپ قارىدى. جۇڭگو خەلقئارا مەسىلە تەتقىقات يۇرتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى رۈەن زوڭزې مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەر قانداق ئىشتا ئوخشاش بولۇشى، ئىختىلاپ بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما بىز ئومۇملۇققا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ئامېرىكىمۇ بۇ جەھەتتە ئورتاق تونۇشقا ئىگە، چۈنكى تىرامپ 10-فېۋرال رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفونلاشقاندىمۇ ھەمكارلىق شېرىكلىرى بولغان ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تارىختىكى يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكۈزۈشكە تەڭ تۈرتكە بولۇشى كېرەك دېگەن ئىدى، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئورتاق تونۇش ئۈزلۈكسىز پۇختىلانماقتا. يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى سالمان بىلەن ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىمۇ ئوخشاشلا تاشقى ساھەنىڭ دىققىتىنى تارتتى. جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى 14 ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى جەھەتتىكى مۇھىم تۈرلىرىگە ئالاقىدار مەبلەغ 65 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ سالمان بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى بىر گەۋدىلەشكەن ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى بىرلىكتە ئورنىتىشى كېرەك. مەن پادىشاھ ئالىيلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇشى خالايمەن، سىزنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىڭىزنى جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستانى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش، يېڭى نەتىجىگە ئېرىشىشنىڭ يېڭى باشلىنىشى دەپ قارايمەن.

  نىتانىياخۇ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيە يېڭىلىق يارىتىش ئومۇميۈزلۈك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا قوشۇلدى. رەئىس شى جىنپىڭ نىتانىياخۇ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مەن يېڭىلىق يارىتىش ئومۇميۈزلۈك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشنىڭ جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى لى شاۋشيەن مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىشى ۋە بىر بەلباغ، بىر يول ئىستىراتېگىيەسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئوتتۇرا شەرقتىكى چوڭ دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن شەرققە نەزەر سېلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پاراۋۇزىغا ئولتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى سىياسىتى ئېنىقسىز بولۇۋاتقان، ئوتتۇرا شەرق داۋالغۇش ئىچىدە قايتا قۇرۇش تەرتىپىنى باشلاشقا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان پەيتتە، ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى خەلقئارا سەھنىدىكى ئورنى ئۆرلەۋاتقان، ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرى كۈچىيىۋاتقان جۇڭگونىڭ كۈچىگە تايىنىشنى ئۈمىد قىلدى. شۇڭا، بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشى ئەمەلىيەتتە ئىقتىساد ۋە سىياسىي تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىشتىن بولغان.

  بۇندىن باشقا، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى پات ئارىدا باشلىنىدۇ، بىر بەلباغ، بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىمۇ باھاردا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، جۇڭگو ساھىبخانلىقىدىكى دىپلوماتىيەنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى، دۇنيانىڭ نەزىرى شەرققە تىكىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر