باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى 2 تىرىليون يۈەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ 13-بەش يىللىق قاتناش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ

2017.03.24 15:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە مەزكۇر بانكا يېقىندا قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان، 13- بەش يىلدا بۇ بانكا 2 تىرىليون يۈەندىن كۆپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىدۇ.

  كېلىشىم بويىچە دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بىلەن ئاساسلىقى ئۇنىۋېرسال قاتناش تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، قاتناش جەھەتتە يۆلەش، ساياھەت تاشيولى، قاتناش ئۇل ئەسلىھەسىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ 13-بەش يىللىق قاتناش تىرانسپورت كەسپى تەرەققىياتىغا تەڭ كۈچ چىقىرىدۇ. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى تاشيول، تۆمۈر يول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، رېلىسلىق قاتناش، پورت قاتارلىق كەسىپلەرگە 5تىرىليون يۈەندىن ، قاتناش تىرانسپورت كەسپىگە 2تىرىليون 920مىليارد يۈەندىن ئارتۇق قەرز ئاجرىتىپ ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورى، زور رايون غول لىنىيەلىرى قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە نۇقتىلىق مەدەت بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر