باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالياسكىدا 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق نېفىتلىكى بايقالدى

2017.03.22 15:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسپانىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى يېقىندا ئامېرىكا ئالياسكا ئىشتاتىنىڭ شىمالىي رايونىدا يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇق نېفىتلىكى بايقالدى، زاپىسى تەخمىنەن بىر مىليارد 200 مىليون باكقا يېتىدۇ، بۇ بۇلتۇر 10-ئايدا ئالياسكا ئىشتاتىنىڭ سىمىت قولتۇقى تېيىز سۇ رايونىدا يېڭى نېفىتلىك بايقالغاندىن كېيىنكى يەنە بىر چوڭ بايقاش، دەپ جاكارلىدى.

  ئىسپانىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى 2008-يىلى ئالياسكىدا نېفىتلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان. بۇ شىركەتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نېفىتلىك ئەڭ تېز بولغاندا 2021-يىلى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدىكەن، كۈنىگە 120 مىڭ باك يېنىك نېفىت ئىشلەپچىقارالايدىكەن، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن 40-50 مىليون باكقا يېتىدىكەن. بۇ نېفىتلىكنىڭ %75 پېيى باش ئورگىنى كولورادو ئىشتاتىنىڭ دېنۋېرغا جايلاشقان ئارمستروڭ شىركىتىنىڭ قولىدا، %25 پېيى ئىسپانىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ قولىدا ئىكەن. ئارمستروڭ شىركىتى 2001-يىلى نېفىتلىك جايلاشقان جاينىڭ ئىجارە ھوقۇقىنى سېتىۋالغان.

  بۇلتۇر 10-ئايدا، ئامېرىكا ئېنېرگىيە قىدىرىپ تەكشۈرۈش شىركىتى كارلوس ئېنېرگىيە شىركىتى ئالياسكا ئىشتاتىنىڭ شىمالىي قۇتۇپقا 480 كىلومېتىر كېلىدىغان سىمىت قولتۇقى تېيىز سۇ رايونىدا بىر نېفىتلىك بايقىغان، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ نېفىتلىكتىن بىر مىليارد 800 مىليون باكتىن ئىككى مىليارد 400 مىليون باكقىچە نېفىت ئالغىلى بولىدىكەن.

  نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئالىياسكىنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى، بۇ ئىشتاتنىڭ مالىيە ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز سېتىشقا تايىنىدۇ، شىمالىي رايونلار ئالىياسكىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى، ئالياسكا ئۇزۇنلۇقى 1200 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئالياسكا نېفىت تۇرۇبىسى ياساپ، شىمالىي قىسىمدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى بىلەن جەنۇبىي قىسىمدىكى پورتلارنى تۇتاشتۇرۇپ، ئامېرىكىدىكى نېفىت چەككىلەش زاۋۇتلىرىغا خام نېفىت يەتكۈزۈپ بەرگەن.

  ئەمما نۇرغۇن يىللار قېزىش ئارقىلىق، ئالىياسكىنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى داۋاملىق ئازىيىپ ماڭغان. ماي باھاسى داۋاملىق چۈشكەنلىكتىن، چوڭ نېفىت شىركەتلىرى ئالىياسكىدىكى قېزىش پىلانىدىن ۋاز كەچكەن. ئالياسكا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئالياسكا نېفىت تۇربىسىدا ھەر كۈنى يەتكۈزۈلىدىغان نېفىت 1988-يىلى بىر مەھەل ئىككى مىليون 100 مىڭ باكقا يەتكەن، 2016-يىلى 510 مىڭ باكقا چۈشۈپ قالغان، تۆتتىن ئۈچ قىسىم نېفىت تۇرۇبىسى بىكار قالغان، پەقەت تۆتتىن بىر قىسمىلا ئىشلىگەن. نېفىت يەتكۈزۈش مىقدارى بەك ئاز بولغاچقا، ئالياسكا نېفىت تۇرۇبىسى توڭلاپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.

  بۇ قېتىمقى يېڭى بايقاش ئالىياسكىنىڭ ئۇدا ئاجىزلاۋاتقان نېفىت كەسپىگە نىسبەتەن بىر روھلاندۇرۇش بولۇشى، ماي باھاسى قاتتىق چۈشۈش سەۋەبىدىن كىرىمى ئازىيىپ كەتكەن ئىشتات مالىيەسىگە مەدەت بولۇشى مۇمكىن. ئىشتات باشلىقى ۋولكىر بۇ بايقاشنىڭ ئالياسكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ: بۇ ئالياسكىغا نىسبەتەن بىر خۇشخەۋەر، بىز جەزمەن تىرىشىپ قالغان تۆتتىن ئۈچ قىسىم نېفىت تۇرۇبىسىنى تولدۇرۇشىمىز لازىم، دېدى.

  سىمىت قولتۇقىدىكى يېڭى نېفىتلىكتىن نېفىت ئېلىشتا، نېفىت تۇرۇبىسى قاتارلىق ئاساسىي قۇرۇلۇشلارغا مەبلەغ سالغاندىلا ئاندىن نېفىت زاپىسىنى تۇربىلاردا ئېقىۋاتقان نېفىتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  كارلوس ئېنېرگىيە شىركىتى يېڭىدىن 200 نەچچە كىلومېتىر تۇرۇبا ياساپ، ھازىرقى نېفىت تۇرۇبىسى بىلەن تۇتاشتۇرماقچى. ئىسپانىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىمۇ يەنە نورمىدىن سىرت قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سالسا ئاندىن شىمالىي رايونلاردىكى يېڭى نېفىتلىكلەردىن نېفىت ئالالايدۇ، ئەمما بۇ جاي شىركەتنىڭ ھازىرقى باشقا تىجارەت نۇقتىلىرىغا يېقىن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇقلۇق نېفىتلىكى بولغاچقا، يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى ياساش قىيىنچىلىقى ئانچە چوڭ ئەمەس.

  ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، يېڭى نېفىتلىكنىڭ بايقىلىشى تازا ۋاقتىدا بولماي قالدى. ماي باھاسى يۇقىرى، ئالياسكا ئىشتاتى نېفىت كەسپىدىن باج كەچۈرۈم قىلىدىغان مەزگىل ئۆتۈپ كەتتى. ھازىر ئالياسكا ئىشتاتلىق پارلامېنت نېفىت كەسپىنىڭ بېجىنى داۋاملىق ئازايتىش-ئازايتماسلىقنى جىددىي مۇنازىرە قىلىۋاتىدۇ، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى يېڭى نېفىتلىكنىڭ بايقىلىشىنى قارشى ئالسىمۇ، ماي باھاسى تۆۋەن ۋە مالىيە قىيىنچىلىقى ئېغىر بولۇشتەك ئىككى قات بېسىم ئاستىدا، ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ نېفىت كارخانىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنىڭ رولى بولماي قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ. نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە بۇ تەشكىلات سىرتىدىكى رۇسىيە قاتارلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرمۇ ھازىر ماي باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن مەھسۇلات ئازايتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلماقتا، ماي باھاسىنى بېسىپ تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە تەمىناتنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئامىلنىڭمۇ قىسقا مۇددەت ئىچىدە تۈپتىن ئۆزگىرىشى تەس.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر