باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر زۇڭتۇڭى بۇيرۇق ئىمزالاپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانا قۇرۇشنى قارار قىلدى

2017.03.22 15:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر ئەل ئېھرام گېزىتىنىڭ 16-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالاپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانا قۇرۇشنى قارار قىلغان ھەمدە مىسىرنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىككە تەيىنلىگەن.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، مىسىر قوراللىق قىسمىنىڭ ئىشتاب باشلىقى خىگازى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى پاۋىل مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا قاھىرەدە كۆرۈشكەن، ئىككى تەرەپ مىسىردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى مۇزاكىرە قىلغان. پاۋىل مۇنداق دېگەن: مىسىرنىڭ تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ ھەمدە مىسىر بىلەن تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ساھەسىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مىسىر ئىچكى بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئۆزلىرىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يېقىندا مىسىر بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرگە رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە كۆپ ھەرىكەت قىلدى. سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان تۇرمۇش گېزىتىدە مۇنداق دېيىلدى: مىسىر يېقىندا بەھرەين بىلەن نەچچە كۈن دېڭىز ئارمىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزدى ھەمدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئۆتكۈزدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ رايوندىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىدە داۋاملىق داۋالغۇش بولۇپ تىنچىمىدى، بۇنىڭ تاشقى ئۈنۈمى مىسىرنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشىغا نۇرغۇن تەسىر يەتكۈزدى، شۇڭا مىسىر ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىخەتەر مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلدى.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تاشقى بىخەتەرلىكىنىڭ خىرىسقا دۇچ كېلىشى مىسىر بىلەن يېقىنلىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېچىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى رايوندىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئالاھىدە مۇزاكىرە قىلىندى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىندا قارار ماقۇللاپ، ئىتالىيەنىڭ ناپلېستىكى بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابىدا يېڭى بىر قوماندانلىق مەركىزى قۇرۇپ، ياۋروپانىڭ جەنۇبىدىن كەلگەن بىخەتەرلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتمەكچى بولدى. ناپلېستىكى قوماندانلىق مەركىزى يەنە مىسىر قاتارلىق ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ئەللىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھۋاللاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەربىي ھەمكارلىق، ئاممىۋى دىپلوماتىيە قاتارلىق ۋاسىتىلار ئارقىلىق، رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىدىكى تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىككە قارىشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى كۈچەيتتى.

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە چىقىدىغان "خىتابنامە" گېزىتى"دە تەھلىل قىلىنىپ مۇنداق دەپ قارالدى: ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان كەسكىنلەپ كېتىۋاتقان بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ياۋروپانىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزدى، بۇنىڭ بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقى يەنە بىر قېتىم كۈن تەرتىپكە كىرگۈزىلدى.

  ئۇندىن باشقا مىسىر بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىمۇ مىسىرنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشىدىكى مۇھىم سەۋەب. تىرامپ زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىسلام دۆلىتىگە تېزدىن زەربە بېرىش ئىپادىسى بىلەن سىسىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە پۈتۈن كۈچى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئۆز-ئارا باب كەلدى. مىسىر بۇ مىسىر ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتىكى ئىجابىي سىگنال دەپ قارىدى.

  ئەلئېھرام ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالى مەسلىھەتچىسى تالىپ مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىر مىسىر بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ھەققىدە يەكۈن چىقىرىشقا بالدۇرلۇق قىلىدۇ. مىسىرنىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن تامامەن يېقىنلىشىشىدا يەنىلا توسالغۇ بار، مىسىر تەڭپۇڭ كۆپ مەنبەلىك دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ. پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسى ۋە لىۋىيە مەسىلىسى مىسىرنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنىڭ يادروسى، مىسىر بىلەن غەرب ئەللىرى يەنىمۇ ئالاقە قىلىشقا موھتاج.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر