- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رومىنىيە ھۆكۈمىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇردى
2017.02.07 15:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رومىنىيە ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، تالاش-تارتىش قوزغىغان جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدىكى جىددىي ھۆكۈمەت پەرمانىنىڭ شۇ كۈنى رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
رومىنىيە ھۆكۈمىتى 31-يانۋار جىددىي ھۆكۈمەت پەرمانى ئېلان قىلىش شەكلى ئارقىلىق جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانداق سۈرۈشتۈرۈش ھەققىدە قايتىدىن دائىرە بەلگىلىدى. بۇ ھەقتە ئۆكتىچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش دائىرىلىرى دېلوغا چېتىشلىق قىسمەن سىياسىي شەخسلەرنى قانۇننىڭ جازاسىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا تۈزۈم چىقاردى .
بۇ پەرمان ئۆتكەن بىر قانچە كۈندە رومىنىيەنىڭ پايتەختى ۋە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى ئاساسلىق شەھەرلىرىدە كەڭ كۆلەملىك ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنى قوزغىدى، پايتەخت بۇخارىستنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلغانلارنىڭ سانى بىر مەھەل يۈز مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر