باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تارىم نېفىتلىكى «لاي ئىچىدە ئالتۇن سۈزۈش»تىن 100 مىليون يۈەنگە ئېرىشتى

2017.02.07 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاشلىۋېتىلگەن نېفىتنىڭ ئۇلىدىكى بۇرغىلاش سۇيۇقلۇقىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشى ئىزچىل تۈردە مەملىكەت خاراكتېرلىك قىيىن بىر مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە، لېكىن. جۇڭگو نېفىتىنىڭ تارىم نېفىتلىكى بۇ قىيىن مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە بۇنىڭدىن تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تاشلىۋېتىلگەن نېفىتنىڭ ئۇلىدىكى بۇرغىلاش سۇيۇقلۇقىنىڭ مۇھىتنى بۇلغاش مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلدى، يەنە بايلىقمۇ تېجەلدى، يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيان،«لاي ئىچىدە ئالتۇن سۈزۈش»تىن 100 مىليون يۈەنگە ئېرىشتى.

  نېفىتنىڭ ئۇلىدىكى بۇرغىلاش سۇيۇقلۇقى بۇرغىلاشنىڭ قېنى دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇنى ئادەتتىكى سېمونت لاي بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇ نېفىت بۇرغىلاش جەريانىدا قۇدۇق تېمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە بۇرغىلاش سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇ، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇق بۇرغىلاش ۋە سىلانېتس گازىنى ئېچىش جەريانلىرىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىدۇ. بازاردا، ھەر كىۋادرات مېتىر نېفىتنىڭ ئۇلىدىكى بۇرغىلاش سۇيۇقلۇقىنىڭ باھاسى 10مىڭ يۈەندىن 13مىڭ يۈەن ئارىلىقىدا بولىدۇ.

  غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا سىجىل گاز بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2010- يىلىدىن باشلاپ، تارىم نېفىتلىكى كۇچا تاغ ئالدى رايونلىرىدا بۇرغىلاش جەريانىدا نېفىتنىڭ ئۇلىدىكى بۇرغىلاش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. 2016- يىلىنىڭ ئاخىرغىچە، تارىم نېفىتلىكى نېفىت ئۇلىدىكى بۇرغىلاش سۇيۇقلۇقىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇق نەرسىلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 544مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن، ئەگەر مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، چوقۇم مۇھىتقا زىيان يەتكۈزىدۇ.

  2016- يىلىنىڭ ئاخىرغىچە، تارىم نېفىتلىكىدە 467مىڭ كىۋادرات مېتىر نېفىت ئۇلىنىڭ بۇرغىلاش سۇيۇقلۇقىدىكى قاتتىق كېرەكسىز نەرسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، 9000 كىۋادرات مېتىر لاياقەتلىك نېفىت ئاساسلىق بۇرغىلاش سۇيۇقلۇقىنى يىغىۋېلىپ، يەككە قۇدۇقلارنىڭ نېفىت ئاساسلىق بۇرغىلاش سۇيۇقلۇقى تەننەرخى %20دىن %50 گىچە تۆۋەنلىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر