باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئالىملىرى زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ «شال ۋاباسى»نىڭ زىيىنىنى ئازايتتى

2017.02.07 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15 يىللىق ئۇدا تىرىشىش نەتىجىسىدە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شاڭخەي ئۆسۈملۈكلەر فىزىيولوگىيەسى ۋە ئېكولوگىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ خې زۇخۇا ئەترىتى سورت يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كۆپ خىل رول كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇزاق مۇددەت شال ۋاباسىغا قارشى تۇرىدىغان مېخانىزم ئۈستىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى ۋە دۆلەت ئىچىدە كېسەلگە قارشى تۇرغۇچى مولېكۇلا بىلەن شال يېتىشتۈرۈشتە قوللىنىپ، شال ۋاباسىدىن ئىبارەت «شال راكى»نىڭ زىيىنىنى ئازايتتى. تەتقىقات نەتىجىسى 2-فېۋرال توردا «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.

  شال ۋاباسى مەھسۇلاتنى زور دەرىجىدە كېمەيتىپ، ئېغىر بولغاندا ھوسۇل ئالغىلىمۇ بولمايدۇ. ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئېلىمىز يىلدا شال ۋاباسى تۈپەيلى 3 مىليون توننا شالدىن زىيان تارتىدىكەن. ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن ئېلىمىز 2008-يىلدىن باشلاپ شالنىڭ يېڭى سورتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتتى ۋە شال ۋاباسى تاقابىلچانلىقىغا «بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش» تۈزۈمىنى يولغا قويدى.

  شال ۋاباسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار، بىرىنچى، خىمىيەلىك دېھقانچىلىك دورىسى ئىشلىتىش، بۇنىڭ تەننەرخى يۇقىرى، مۇھىت بۇلغايدىغان بولغاچقا دائىم ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؛ ئىككىنچى، كېسەلگە تاقابىل تۇرىدىغان يېڭى بايلىق ئىزدەش ۋە كۆپ خىل كېسەلگە چىداملىق يېڭى سورتنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىرغىچە شال ۋاباسىغا تاقابىلچان 25 خىل گېن كىلونلىنىپ ۋە ئۇنىڭ ئىقتىدارى باھالاپ چىقىلغان، لېكىن كۆپىنچىسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى تار، كېسەلگە تاقابىلچانلىقى ئاسانلا يوقاپ كەتكەن؛ كۆپ خىل كېسەلگە چىداملىق گېننى بىر خىل سورتقا بىرلەشتۈرگەندە، قىيىنلىق دەرىجىسى ئېشىپ، دەۋرىيلىكى ئۇزارغاندىن باشقا يەنە، زىرائەتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتى تۆۋەنلەيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر