باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى قار تازىلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2017.02.07 16:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-فېۋرال كەچتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە قاتتىق قار ياغدى. ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى قار 6-فېۋرالغىچە داۋاملىشىدىكەن. 4-فېۋرال ئۈرۈمچى شەھىرى قار مۇز تازىلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، بۇ قېتىمقى قارغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋېي يى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى قار داۋاملىق 40 سائەت ياغىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: قار توختىغاندىن كېيىن، دەرھال بارلىق كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ، تىرىشىپ شۇ كۈنى غول تاشيوللار ۋە بارلىق كوچىلارنى تازىلاپ بولۇش، 2-كۈنى يىغىلغان قارلارنى شەھەر سىرتىغا توشۇپ بولۇش كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى قار تازىلاش خىزمىتىدە ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى 1-سەپكە بېرىپ، نەق مەيدانغا قوماندانلىق قىلىشى، بولۇپمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، ئايرودۇرۇم، كۆتۈرمە يول، دۆڭ يول قاتارلىق مۇھىم بۆلەكلەرگە مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولۇپ، تېز تازىلاپ قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەسىلە كۆرۈلمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر