خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگىراممىسى: 6-فېۋرال چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە، شياڭگاڭ ساقچى تەرەپنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن، ئىچكىرى ئۆلكىدە قولغا چۈشكەن «ۋەنزەي رايونى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىغا سۇلفات كىسلاتاسى چېچىش دېلوسى»دىكى جىنايەت گۇماندارى جەن ۋېيجيەن شېنجىن خۇاڭگاڭ پورتى لوماجۇ چوڭ كۆۋرۈكى شېنجىن-شياڭگاڭ چېگرا سىزىقىغا يالاپ ئېلىپ كېلىندى ۋە گۇاڭدۇڭ ساقچىلىرى رەسمى ھالدا شياڭگاڭ ساقچى تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. جەن ۋېيجيەن 2000-يىلىدىن بۇيانقى گۇاڭدۇڭ ساقچى تەرەپ شياڭگاڭ ساقچى تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 175-جىنايەت گۇماندارى ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى