- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە ساقچىلىرى ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئەزاسى دەپ گۇمانلىنىلغان يۈزدەك ئادەمنى قولغا ئالدى
2017.02.07 15:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈركىيە ئانادولو ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ساقچىلىرى تۈنۈگۈن مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئەزاسى دەپ گۇمان قىلىنغان يۈزدەك ئادەمنى قولغا ئالغان.
تۈركىيە قوراللىق قىسىم باش ئىشتابى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، تۈركىيە ئارمىيە دائىرىلىرى 4-فېۋرال كېچىدىن 5-فېۋرال سەھەرگىچە ئىسلام دۆلىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى، سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەپ ئۆلكىسىنىڭ باب رايونىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، بۇ رايوندىكى ئىسلام دۆلىتىنىڭ نىشانلىرىنى توپقا تۇتۇپ ۋە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ يوشۇرۇنۇش نۇقتىسى، مۇداپىئە ئىستىھكامى، قوماندانلىق مەركىزى، قورال-ياراق ئامبىرى قاتارلىقلارنى ۋەيران قىلىۋەتتى ھەمدە ئىسلام دۆلىتىنىڭ 33 ئەزاسىنى ئېتىپ تاشلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر