باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا نارازىلىق ئەرزى سوتى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ روبىرت كېسىمىنى توختىتىشنى تەلىپىنى رەت قىلدى

2017.02.07 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق توققۇزىنچى سەييارە نارازىلىق ئەرزى سوتى تۈنۈگۈن سەھەردە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ نارازىلىق ئەرزى مەزگىلىدە «روبىرت كېسىمى» ئىجراسىنى دەرھال توختىتىش ھەققىدىكى تەلىپىنى ئىنكار قىلدى، بۇ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئىمزالىغان چېگرادىن كىرىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ھازىر ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئىشتاتى غەربىي رايون قوشما ئىشتات يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى جامېس روبىرت 3-فېۋرال سېئاتېلدا پۈتۈن ئامېرىكا مىقياسىدا تىرامپنىڭ چېگرادىن كىرىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى يولغا قويۇشنى توختىتىش ۋە دەرھال كۈچكە ئىگە قىلىش ھەققىدە كېسىم چىقاردى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 4-فېۋرال رەسمىي نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ، روبېرتنىڭ بۇ كېسىمى ئەدلىيە ھوقۇقىدىن ھالقىپ، زۇڭتۇڭنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ئارىلاشقانلىق دەپ ئەيىبلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر