باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت پارىژ كېلىشىمىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى

2015.12.14 10:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى 12- دېكابىر پارىژ كېلىشىمىنى ماقۇللاپ، 2020- يىلدىن كىيىنكى پۈتكۈل يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا ئورگانلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى سۆز قىلىپ ياكى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ كېلىشىمنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ ، پەن،مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى بوكۋا بايانات ئېلان قىلىپ، پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا ئىنسانىيەتنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەش ئارقىلىق مۇھىتقا بولغان بۇزغۇنچىلىقنى ئازايتىشتا تۇنجى قەدەم تاشلانغانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ ساھەدە قانات يايدۇرغان كونكرېت ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى راجاد باياناتىدا مۇنداق دېدى: يېڭى كېلىشىم ئىنسانىيەتنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا تاشلىغان ئاچقۇچلۇق بىر قەدىمى بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بۇنى ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈشى كېرەك .

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: پارىژ كېلىشىمى پۈتكۈل يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. ئۇ يەر شارى كىلىمات كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك رامكىسىنى ئورناتتى، پۈتكۈل يەر شارىغا تۆۋەن كاربونلۇق كەلگۈسىنى يارتىشىنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى يەتكۈزدى.

  گېرمانىيە زۇڭلىسى مىركىلمۇ مۇنداق دېدى: پۈتكۈل يەر شارىنىڭ كىلىمات سىياسىتىدە، پارىژ مەڭگۈ بۇ تارىخى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بىلەن باغلىنىدۇ، پارىژ كېلىشىمى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

  ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون مۇنداق دېدى: پارىژ كېلىشىمى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشقانلىقىنى نامايەندە قىلىپلا قالماستىن، كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن يەر شارىنى قوغدىدى. كېلىشىم كەلگۈسى دۇنيانىڭ ئاچقۇلۇق قەدىمى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر