باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇساپىرلار مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تۈركىيەنى 3 مىليارد ياۋرو بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا ۋەدە بەردى

2015.12.01 09:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى 29- نويابىر، تۈركىيەنىڭ سۇرىيەدىن تۈركىيەگە زور مىقداردا كىرگەن سۇرىيە مۇساپىرلىرى مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تۈركىيەنى 3 مىليارد ياۋرو بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە باشلىقلىرى يىغىنى شۇ كۈنى بىريۇسىلدا ئۆتكۈزۈلدى. ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسكى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىن نەتىجىسىگە ئاساسەن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى مۇساپىرلار مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشتا ھەمكارلىشىش ئۈچۈن، تۈركىيە مۇساپىرلارنى قۇتۇلدۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇپ، تۈركىيە تەۋەسىدىكى سۇرىيە مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش ئىشىنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ. 3 مىليارد ياۋرولۇق بۇ يېڭى ياردەم مەزكۇر مېخانىزمنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، كەلگۈسىدە يەنىمۇ ياردەم بېرىش پىلانى ئەھۋالنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر