باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قازاقىستان دۆلەت كارخانىلىرىنى چوڭ كۆلەمدە خۇسۇسىيلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويماقچى

2015.12.02 09:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قازاقىستان زۇڭتۇڭى نازاربايىپ 30- نويابىر پايتەخت ئاستانادا دۆلەت ئەھۋالىدىن مەسلىھەت بەرگەندە، قازاقىستاننىڭ دۆلەت كارخانىلىرىنى چوڭ كۆلەمدە خۇسۇسىيلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق دۆلەت كارخانىلىرىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش پىلانىنى بېكىتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  نازاربايىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە ۋە ئاشلىق قاتارلىق بازارلار مۇقىمسىز بولىۋاتقانلىقتىن، قازاقىستان ئىقتىسادى سىناقلارغا يولۇقماقتا، خەلقئارا خام ماتېرىيال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى قازاقىستان ئىقتىسادىغا زەربە بولماقتا، قازاقىستان ئۇنۋىرىسسال تەدبىر قوللىنىپ كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا ، ھەمدە قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئارقىلىق ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىغا ۋە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا موھتاج بولماقتا. دۆلەت كارخانىلىرىنى چوڭ كۆلەمدە خۇسۇسىيلاشتۇرۇشغاندىلا، ئاندىن بازارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر