- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىران پارلامېنتى ھۆكۈمەتنىڭ ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى ئىجرا قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى
2015.10.13 08:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىران پارلامېنتى 11-ئۆكتەبىر ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئاخىرقى كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.
قانۇن لايىھەسىدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: ناۋادا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت قوللانسا، بولۇپمۇ ئىراننى جازالاش مەسىلىسىدە شۇنداق قىلغان بولسا، ئىران ھۆكۈمىتى ھەرىكىتىنى ئۆزى خالاپ توختىتىشقا ھەمدە مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىپ ئىراننىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداشقا ھوقۇقلۇق.
ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سالىھ شۇ كۈندىكى پارلامېنت يىغىنىغا قاتناشتى. سالىھ مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىمدە ئىراننىڭ يادرو ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنغان، ئىران كەلگۈسىدە يادرو تېخنىكىسى جەھەتتە تەتقىقات خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر