باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىلارى ئامېرىكا سايلىمىدا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تۇنجى مۇنازىرىسىنى باش بولۇپ باشلىدى

2015.10.13 08:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتىنىڭ تۇنجى مەيدان تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسى 13-ئۆكتەبىر كەچتە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 11-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا قارىغاندا، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتون يۇقىرى قوللاش نىسبىتى بىلەن مۇنازىرە نەق مەيدانى سەھنىسىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالىدىكەن.

  بۇ مۇنازىرە لاۋىگاستا ئۆتكۈزۈلىدىكەن، دېموكراتلار پارتىيەسىدىن جەمئىي بەش نامزات قاتنىشىدىكەن. 1-ئاۋغۇستتىن ھازىرغىچە بولغان مەملىكەت بويىچە ئەلرايى تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ھىلارى كلىنتوننى قوللاش نىسبىتى ئۇدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

  ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بېدىننىڭ بۇندىن بۇرۇنقى تۈرلۈك مەملىكەت بويىچە ئەلرايى تەكشۈرۈشىدىكى قوللاش نىسبىتى ئىزچىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئىدى، بىراق بېدىن ھازىرغىچە سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېيتمىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر