باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېرما ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پارتىيەسىنىڭ يېڭى رەئىسى: دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىمەن

2015.09.14 12:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېرما فېدېراتسىيەسى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن رەئىسى ۋۇ تەيۋۇ تۈنۈگۈن: مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ. مەن بېرما بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق مۇستەھكەملىنىدىغانلىقى ۋە راۋاجلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن دېدى.

  ۋۇ تەيۋۇ تۈنۈگۈن پارتىيەنىڭ باش ئورگىنىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى پارتىيەمىزنىڭ ئىزچىل نىشانى. پارتىيەنىڭ سابىق باشلىقى زۇڭتۇڭ تېيىن سېيىننىڭ مىللەتلەرنىڭ قوراللىق زىددىيىتىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشىشى دەل دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى، تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىدى.

  ئۇ 2010-يىلى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى سايلىمى غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: بېرما ئالدى بىلەن تاشقى مۇناسىۋەت جەھەتتە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى قوغدىدى ھەمدە بېرمىغا جازا قوللانغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر